خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىل يانۋارنىڭ بېشىدا بۇ يىلدىن باشلاپ، دەۋاگەرلەرنى ھېچقانداق سوت قىلماي ئەمگەك لاگېرىغا سولاپ قويىدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.14
saqchi-beyjing-tyenenmen-305.jpg تيەنئەنمېننىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قويۇلغان قوراللىق ساقچىلار. 2012-يىلى 6-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى سىننا، سوخۇ قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ھەم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا ئەۋەتىلىپ، نەچچە يىللاپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان بىرقانچە كىشى ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىلىرىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تورداشلىرى بۇ مۇراجىئەتنامىلەرگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز پۇقرالارنى خالىغانچە جازالايدىغان بۇ خىل تۈزۈمنى تېزدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بوشۈن تورىنىڭ 14-يانۋار دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، گۇاڭشىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشىنى پاش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇلتۇر 12-يانۋار كۈنى سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز گۇاڭشى 1-ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئەۋەتىلىپ، قانۇنسىز ھالدا بىر يىل ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان پېڭ خەيچىڭ ئىسىملىك خىتاي پۇقراسى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمى ھەم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىكى بىر قانچە كىشىنىڭ ئېغىر كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ خىل تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.

پېڭ خەيچىڭ مۇراجىئەتنامىسىدە ئۆزىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلغاندىن باشقا، گۇاڭشىدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2012-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ گۇاڭشى 1-ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا قامىلىپ، ھازىرغىچە شۇ جايدا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان گۇاڭشى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پروفېسسورى چىڭ يۈەنفۇ قاتارلىق بىرقانچە كىشىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازا لاگېرىدىكى ئېغىر ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، تورداشلارنى نەننىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە پروفېسسور چىڭ يۈەنفۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان بۇ خىل تۈزۈمنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

بوشۈن تور بېكىتىنىڭ 12-يانۋاردىكى سانىدا يەنە، خېبىي مەنچېڭ ناھىيىسىدىكى ئەما ئەرزدار ياڭ زۇڭشېڭنىڭ 2013-يىلى 6-يانۋار كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ 1980-يىلدىن باشلاپ ئەرز ئۈچۈن كۆپ قېتىم بېيجىڭغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، خېبىي باۋدىڭ شەھىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، ئۈچ قېتىم باۋدىڭدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا ئەۋەتىلىپ، 4 يىلدىن ئارتۇق جازا لاگېرىدا تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان لەۋھەنى كۆتۈرۈپ، ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەر بېسىلدى.

ئۇندىن باشقا، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكىتى سىننا تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە بىر يىللىق جازا مۇددىتى توشۇپ، گۇاڭشى 1-ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەن پېڭ خەيچىڭ قاتارلىق كىشىلەر 12-يانۋار كۈنى نەننىڭ شەھىرىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى دەرۋازىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، پروفېسسور چىڭ يۈەنفۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«خەلقئارا خەۋەرلەر مۇنبىرى» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى دېكابىر ئېيىدىكى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئادەملەر سانى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىكىدىن جىق بولۇپ، بۇ يەرگە قامالغان ئادەملەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىلدە 190 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

يېقىنقى يىللاردا خىتايدا بارغانچە كۈچەيگەن «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى»نى ئىسلاھ قىلىش تەلىپى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاي قانۇن-ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى ئىسلاھات» نامىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا بۇ تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىنماسلىقى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا نارازىلىقنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، بۇ يىل 6-يانۋار كۈنىدىكى خىتاينىڭ «قانۇن گېزىتى» دە، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇنىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا بۇ يىلدىن باشلاپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ساقچىلارنىڭ قانۇننىڭ ھۆكۈمىسىز كىشىلىك ھوقۇق ئۆكتىچىلىرىنى، دەۋاگەرلەرنى، دىنىي زاتلارنى جازالاش ۋە باستۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچى نۇرغۇن كىشى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولىنىپ باستۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا بۇ تۈزۈم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.