ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشنى چېقىش قىلغان بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەر بەلگىلەپ چىقىلغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوتسىز ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا بەلگىلەپ چىققان «ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان تۆۋەندىكىدەك ماددىلار بېكىتىلگەن.
مەسىلەن ئۇنىڭدا «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە ماددىي بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئاممىۋى خاراكتېردىكى ۋەقەلەر ۋە تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرسە شۇ ئورۇندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن قاتتىق چارە قوللىنىشى، ۋەقەنى ئالدىن - ئالا ۋە تېز سۈرەتتە بىر تەرەپ قىلىشى كۈچكە ئىگە» قىلىنغان.
«ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» دا يەنە ەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇشۇنداق جىددىي ۋەقەلەر ەققىدە ئۇچۇر بېرىشى ۋە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى، ساقچىلارنىڭ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى خەۋەر قىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇۇرىيىتىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى» نى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىش نامى ئاستىدا مەخسۇس «ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» بېكىتىشىنىڭ مەقسىتى نېمە، بۇ چارىنىڭ قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىز بۇ ەقتە تۈركىيە ەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
0:00 / 0:00