ئەمىنە قىزىلتاش: تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئېھتىيات قىلىپ كەلمەكتە

يېقىندا «ۋەتەن بىر» ناملىق تور بېتىدە، تۈركىيىلىك يازغۇچى ئەمىنە قىزىلتاش خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان «تۈركىيە -خىتاي سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ماقالە مۇنداق باشلانغان: يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى، تۈركىيە ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بولۇپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بۇ يەرگە دىققىتىنى تارتىشقا سەۋەب بولدى. تۈركىيە بولسا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق ئىقتىسادىي جەھەتتە تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. باشقا مەسىلىلەرنى كۆز ئالدىغا قويمىغان.

تارىختىن بۈگۈنگىچە داۋاملىق ئىقتىسادىي تەسىرنىڭ ئىچىدە بولغان گېئوستراتېگىيە ۋە گېئوپولىتىكا سەۋەبىدىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەردە داۋاملىق تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىنچى قاتاردا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئورۇن ئالدى. ئاسىيانىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن 7 ۋىلايەت ۋە 4 ئاپتونوم ئوبلاستقا بۆلۈندى.

ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە مۇنداق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان : شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيە جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئاسىيانىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، تارىخ بويىچە داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ھاكىم بولغان كۈچ پۈتكۈل ئاسىياغا ھاكىم بولدى. تارىختىن بۇيان رۇس-خىتاي، خىتاي -تۈرك ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلار داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ناتسىزم ھەرىكىتىدىن كېيىن قايتىدىن كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈلۈپ جانلاندۇرۇلغان كۈندىن بۇيان شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ مۇھىم يەرلەردىن بىرى شەك -شۈبھىسىز شەرقىي تۈركىستان. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا نۇرغۇن دوكلاتلار تەييارلانغانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىمۇ ھەر يىلى ئونلىغان دوكلات تەييارلىنىۋاتىدۇ ۋە ب د ت تەرىپىدىن باھالاشقا قويۇلىدۇ.

نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋازىنىڭ ئەتراپتىكى تەسىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇ دۇنيانىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىدە، ئېغىر يارىدارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئالماستىن بەلكى ئادەتتىكى دورا بەرگەنگە ئوخشاش بىر ئىش. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتابنامىگە تۇنجى قېتىم ئىمزا قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان خىتاي 1982-يىلدىكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يولغا قويغان سىياسىي ھەق -ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىشتىن تەپ تارتماي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا.

ماقالىدە خىتاي -تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپكى مۇناسىۋەتلەردە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەستىن بەلكى سۇلتان 2‏-ئابدۇلھەمىد 50 مىليون ئەتراپىدىكى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئەھمىيەت بەرگەن. كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇ يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتكە قارىتا كۆز قاراشلىرى ئۆزگەرگەن.

دەسلەپتە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلەردىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، سىپرۇس، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى دەپ ئېلان قىلىنىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن گۇئانتانامو تۈرمىسىگە قامالغان 17 ئۇيغۇر ۋە تۈركىيىدە سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتقان تېررورچى پ ك،ك تەشكىلاتىغا ئوخشاش مەسىلىلەر پات -پات سۈركىلىش پەيدا قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ بۇ تار كوچا ئىچىگە قاپسىلىپ قېلىپ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بىر يەرگە مۇقىم ئاساس سالالمىدى.

ماقالىدە يەنە تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بىر مەزگىلدىن كېيىن خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتلەردىن بىرى بولۇشى، خىتاينىڭ ئاخىرقى 20 يىلدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى، تۈركىيىنىڭ پ ك ك مەسىلىسى، سىپرۇس مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەردە ب د ت دا خىتاينىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بۆلىشى تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان يېقىنلىشىشىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. تۈركىيە بولسا مەزكۇر پۈتكۈل سەۋەبلەر تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئېھتىيات قىلىپ كەلمەكتە.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي، تۈركىيىگە داۋاملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا رۇخسەت قىلماسلىق، تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەكىتلەپ كەلدى. خىتاي داۋاملىق تۈركىيە بىلەن تىجارەت مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ يەردىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر مەنپەئەت يوق. يەنى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە خىتايدىن يىلدا 11 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات سېتىۋالماقتا. خىتاي تۈركىيىدىن يىلدا پەقەت 900 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيىگە نىسبەتەن خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە چوڭ بىر زىيان بولۇۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، بولۇپمۇ 11-سېنتەبىردىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ چىقىپ، خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بۇيان بەدەل تۆلەپ داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە، زىيانغا ئۇچراۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن كۆز يۇمۇلماقتا. بۇ ھەقتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ سىياسىي جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىپ قالغان، ئەمما دىن، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىر پۈتۈنلۈكى بولغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە جىددىي بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك بولماقتا.

بىز تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە «قېرىنداش ئۆلكىلەر جەمئىيىتى» نىڭ كونىيە شۆبە باشلىقى جەلال ئۆزتەمىز ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. جەلال ئۆز تەمىز ئەپەندى بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنىڭ نوپۇسى ھازىر 30% پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، خىتاي تەرەققىيات ئىش پىلانلىرى ئاستىدا سەرمايە سېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ سەرمايە، مەبلەغلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق پايدىسى بولمىدى. ئېگىز بىنالاردا خىتاي كۆچمەنلەر ياشايدۇ، چوڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىتاي كۆچمەنلىرى ئىشلەيدۇ.