ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى غوللۇق يەرلىك مىللەت شۇنداقلا ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان مىللەت.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار باي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى، ھالبۇكى مەلۇم بولغاندەك كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى، قانۇنىي ھوقۇقى شۇنداقلا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە يەرلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قوغدىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرز قىلماقتا. شۇ ۋەجىدىن، ئۇيغۇر زىيالىيلار قەلەم كۈرىشى ئارقىلىق تۈرلۈك مەجمۇئە، ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە مىللىي كىملىكىنى قوغداشنى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئەڭ يارقىن ئامىللىرى بولغان تىل، دىن ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش شۇنداقلا بۇ جەھەتتە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىش چاقىرىقىنى كۈچەيتتى. «ھەق-ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشتا قانداق قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىختا ئوتلاق مەدەنىيىتىدىن تا بوستان مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئالاقىلىرى، كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى، مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تارىختىكى ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بارغانچە بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەلگەن.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۈستى-بېشىدىكى ھەر بىر، ئەڭ كىچىك مەدەنىيەت بەلگىلىرىگىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلمەكتە. ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا.

باشقا مىسالنى ئېلىپ ئۆتمىسەكمۇ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قانات يايدۇرغان «دىنىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ گۈزەل مەدەنىيەت بەرپا قىلىش» نى تېما قىلغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا «ساقال، بۇرۇت چۈشۈرۈش، چۈمبەل ئېچىش» نى ئاساس مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا كۇپايە.

ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئارقىلىق ئېنىق بەلگىلىگەن. نۆۋەتتە بىز ئالدى بىلەن خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئىتىگە دائىر ماددىلارنى كۆرۈپ چىقايلى:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۆتىنچى ماددىسىنىڭ ئاخىرى «...مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ‏-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن جۈملە بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مانا بۇ ماددا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 10-ماددىسىدىمۇ ئوخشاش تەكرارلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەمۇرى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ 3-ماددىسىدا: «تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت تەركىبىدىكىلەر جەمئىيەت، زاۋۇت، مەكتەپ، تەشكىلات، ئورگان ۋە قىسىمدا بىردەك ئۆز مىللىتىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. باشقىلار ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى شەرت، ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

ھەتتا خىتاي بېكىتكەن مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ 42-ماددىسىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە «زەھەر تاشلايدىغانلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولسا، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دەپ ۋە يەنە يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ 41-ماددىسىدا «يىغىۋېلىپ تەربىيىلىنىدىغانلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولسا، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن، تۇرمۇشتا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش» دەپ بەلگىلەنگەن.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ‏-ئادەت مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى 14-ماددىسىدا، نەشر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ 25-ماددىسىدا، شەھەر مىللەتلەر خىزمىتى نىزامىنىڭ 24-ماددىسىدىمۇ ئايرىم ئايرىم ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا بۇ، يۇقىرىقى قانۇن ماددىلىرىنىڭ ھەر قاندىقىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىسىدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن شۇنداقلا ئەسكەرتكەن ھالدا 8 ماددىسى مۇنداق مەزمۇنلار بىلەن پۈتۈلگەن:
«يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر ھېچبىر شەكىلدىكى ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول قويماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى ۋە يېتەرلىك ئاپپاراتلارنى بەرپا قىلىشى زۆرۈر:
1‏-ئۇلارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم خەلق بولۇشتەك بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئايرىيدىغان، شۇ ئۈنۈمنى پەيدا قىلىدىغان، ئۇلارنى مەدەنىي ۋە مىللىي مىراسلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەر،
2‏-ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە يەرلىرىدىن، تېررىتورىيىلىرىدىن ۋە بايلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلار،
3‏-ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا چېقىلىشنى مەقسەت قىلغان ياكى شۇنداق ئۈنۈم كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي نوپۇس كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى،
4‏-ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بىر پۈتۈنلەشتۈرۈش،
5‏-ئىرقىي ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقنى چىقىش قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى نىشان قىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تەشۋىقاتلار....»

ئەپسۇس، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىپ بەلگىلىگەن شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرگە ھەدىيە قىلغان بۇ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلانمىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دەل بۇ قانۇنلارنىڭ ئەكسىچە سىياسەت يۈرگۈزمەكتە.

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمىي تۈركىي مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلىرى، قان ئالاھىدىلىكى، تىل، مەدەنىيەت-سەنئەت، ئېتىقادى، بارلىق ئېتنوگرافىيىلىك ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق بارلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي مىللىتىدىن تارىختىن تارتىپ پۈتۈنلەي پەرقلىق يىراق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇنداق پەرقلىق بولۇشىنىڭ ئۆزىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بېسىم بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتسا كېرەك.