ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئۈلگىلىك رولنىڭ بىرلىكى

ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئېغىز ئارقىلىق سۆزلەپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەستىن، قۇرۇق ۋارىسلىق قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى بىر نەرسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇنى جارىي قىلدۇرۇش ۋە ياشىتىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

0:00 / 0:00

ئانا ۋەتەننىڭ ئوخشاش بولمىغان بىلىمگاھلىرىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇللا ھاجىم ئىمان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇللا ھاجىم مۇنداق دىدى:" مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۇلارنى كەمبەغەللەرنى يۆلەپ، خېيىمخەتەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشنى، كۈچلۈكلەرنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى چىقىپ، ئاجىزلارغا تەرەپدار بولۇشنى، كەڭ قورساق، مەردانە بولۇش، كىشىلەرگە خوشاللىق ئېلىپ كېلىش، ھېسداشلىق روھىغا باي بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارىي قىلدۇرۇشنى، ھەقىقەت يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان پىداكارلىق روھقا، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان پەزىلەتكە ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئىدىيىگە بولۇشنى تەلەب قىلىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە:' سىلەر ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار' دەپ كۆرسىتىلگەن".

چوڭلار كىچىكلەرگە ئۈلگە يارىتىشى لازىم

ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمانلاردىن چوڭلار ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەربىيىسىنى كېيىنكى ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش مەسئۇلىيىتىگە ئىگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:" سىلەر خۇددى پادىچىغا ئوخشايسىلەر، پادىچى ئۆزىنىڭ پادىلىرىغا مەسئۇل بولغاندەك، سىلەرمۇ ئىلكىڭلاردىكىلەرگە مەسئۇلسىلەر" دەپ كۆرسەتكەن.

مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەمئىيەتكە، دەۋرگە ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيالىققا ئاكتىپ قاتنىشىش پۇزىتسىيىسىدە تۇرۇپ، يۈكسەك ئەخلاق تەبىئىتى ۋە سەمىمىي كەسىپچانلىق روھى بىلەن بۇ دۇنيادا پۈتكۈل ياخشى ئىشلار ۋە نەرسىلەرنى يارىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئىناق، دوستانە، ئازادە، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بىر ئۈلگىلىك جەمئىيەت يارىتىشنى نىشان ۋە غايە قىلىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر ئىشتا ئۈلگە بولىشى تەلەب قىلىنىدۇ

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە سەمىمىي سادىق بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش، سودىدا ئادالەتلىك، تارازىدا راستچىل بولۇش، ھەر ئىشتا پاك - دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق بىر قاتار پرىنسىپلار قاتتىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇ ئىشلار ئاخىرىدا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ.