خىتاينىڭ ئېنىرگىيە ئېھىتىياجى ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تەبىئىي بايلىقى

تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭىچاغ گېزىتىدە خىتاينىڭ نېفىت بازىلىرى ۋە شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئېنىرگىيە بايلىقلىرى دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-01-20
Share
tebiiy-bayliq-305.png تەبىئىي بايلىق يۆتكەش
Public Domain

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى لۆكچۈن نېفىت ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر نېفىت مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىزدەش ئىشلىرىنى باشلىدى. خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان، 12 - بەش يىللىق دۆلەتلىك ئىقتىسادى ۋە تەرەققىيات پروگرامما بويىچە، پىلان ئاخىرلاشقىچە بولغان جەرياندا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدۇ.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا ياردەم بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەرقىي تۈركىستان نېفىت ۋە خىمىيە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا سېلىغان مەبلەغنى 12 - بەش يىللىق پىلانىدا تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك ھۆكۈمەتنى رايوندىكى زاۋۇت - كارخانىلارنى نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشقا تەشۋىق قىلىدىكەن. 12 - بەش يىللىق پىلان ئاخىرلاشقاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركسىتاندا نېفىت ۋە خىمىيە زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 560 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 33 مىليون توننا ۋە تەبىئىي گاز 45 مىليارد كۇپمتېرغا چىقىرىشنى نىشان قىلغان. خىتايدا 2011 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پىلانغان 12 - بەش يىللىق دۆلەتلىك ئىقتىسادى ۋە تەرەققىيات پىلانى 2011 - يىلى بىلەن 2015 - يىلى ئارىسىدىكى ئىقتىسادى خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شېركىتى (CNPC) خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لۆكچۈن نېفىت بازىسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر نېفىت مەنبەسىنى قېدىرىپ تېپىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئىزدەشنى باشلىدى. (CNPC) خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شېركىتىنىڭ تارماق شېركىتى تۇرپان - قۇمۇل نېفىت ساھەسىدە ۋە لۆكچۈندا 113 نېفىت قۇدۇقى ئاچقان.

يېڭىچاغ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بايلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركسىتان، نېفىت، ۋولفىرام، ئالتۇن، كۆمۈر، ئۇرانغا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك خام ماددىلار بىلەن ساناقسىز يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارغا ئىگە بىر ئۆلكە. خىتايدا تېپىلىدىغان 148 ماددىدىن 118 خىل تۈرى شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغىچە 5000 ئورۇندا نېفىت بازىسى ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويغان. بۇ خىتايدىكى جەمئىي نېفىت بازىلىرىنىڭ 85% ىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەخمىنەن 500 ئورۇندىن نېفىت، 30 رايوندىن تەبىئىي گاز چىقىرىلماقتا.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولۇپ قالدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقىدا غايەت زور نېفىت زاپىسىنىڭ بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. تارىم ئويمانلىقىدا، 10.7 مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېفىت زاپىسىنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. گېئولوگلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت ۋە 220 مىليارد كۇپ مېتردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. شەرقىي تۈركسىتاندىن ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت خىتايغا يۆتكىلىدۇ. خىتاينىڭ نېفىت بايلىقىنىڭ يېرىمى شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى 360 كلوگىرام ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىدۇ.

دۇنيا بۇلتەنى تور بېكىتىدە، يېقىندا، خىتاي بىلەن رۇسىيە تەبىئىي گاز تالىشىش ئۇرۇشى ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى سېتىۋېلىشتا بىر - بىرىدىن قىزغىنىپ رىقابەتلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

يېقىندىن بۇيان تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى كۆپ مىقداردا ئېشىۋاتقان خىتاينىڭ 2000 - يىللاردا تەبىئىي گازغا بولغان يىللىق ئېھتىياجى 24،5 مىليارد كۇپمېتىر بولۇپ، خىتاي 2008 - يىلى بولسا 80 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گاز ئستىمال قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ سان 109 مىليارد كۇپمتېرغا يەتكەن ۋەزىيەتتە بولدى. دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سانائىتى ئەڭ تىز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجى 2020 - يىلىغا بارغاندا يىلدا 300 مىليارد كۇپمتېر. 2035 - يىلىغا بارغاندا بولسا 395مىليارد كۇپمتېرغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز تەخمىنەن 35% نى باشتا تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىشى كۆرۈلمەكتە. دەسلەپتە قازاقىستان تەبئىي گازىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان، قازاقىستان - خىتاي تۇرۇببا لىنىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك توختام 2003 - يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا دۆلەتلىرى بولغان تۈركمەنىستان بىلەن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش توغرىسىدا توختام تۈزگەندىن كېيىن 2007 - يىلى ئۆزبېكىستان بىلەنمۇ ئۇ دۆلەتتىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش توغرىسىدا توختام تۈزدى. خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلى تۈركمەنىستاندىن باشلاپ ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننى كىسىپ ئۆتىدىغان خىتايغا تەبىئىي گاز يۆتكەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي تەبئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇشنىڭ ئىنشائاتىنى باشلىدى.

تۈركمەنىستان - خىتاي تۇرۇبا لىنىيىسى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: تۈنجى باسقۇچى 2009 - يىلى 12 - ئايدا پائالىيەت باشلىغان ۋە تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننى كىسىپ ئۆتۈپ خىتايغا سۇزۇلغان تۈركمەن - خىتاي تەبئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مىڭ كىلومىتېر بولۇپ بۇنىڭ 185 كىلومىتېر ئۇزۇنلۇقى تۈركمەنىستاندىن، 530 كىلومىتېر ئۇزۇنلۇقى ئۆزبېكىستاندىن، 1304 كىلومىتېر ئۇزۇنلۇقى قازاقىستاندىن ئۆتۈپ قالغان 5 مىڭ كىلومىتېر ئۇزۇنلۇقى شەرقىي تۈركسىتان زېمىنى ئارقىلىق خىتايغا تۇتىشىدۇ. ھازىر ئىنشىئاتى ياسىلىۋاتقان 3 - تۈر ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي تۇرۇبا لىنىيىسى ئۈچۈن ئاجىرىتىلغان جەمئىي مەبلەغنىڭ مىقدارى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تەخىمىن قىلىنماقتا.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن : 2008 - يىلى 8 - ئايدا خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا 30 يىل بويىچە خىتايغا يىلدا 40 مىليارد كۇپمىتېر تۈركمەن تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك توختام ئىمزالاندى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خىتايغا سېتىلماقچى بولغان تۈركمەن تەبىئىي گازنىڭ يىللىق مىقدارىنى 65 مىليارد كۇپمتېرغا چىقىرىش توغرىسىدا توختام تۈزۈلۈپ ئىمزا قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2008 - يىلى قۇرۇلۇشى باشلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ بىرىنچى لىنىيىسى 2009 - يىلى، ئىككىنچى لىنىيىسى 2010 - يىلى ئىش باشلىدى. بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق 2011 - يىلى 20مىليارد كۇپمىتېر تەبىئىي گاز، 2012 - يىلى 30 مىليارد كۇپمىتېر، 2015 - يىلى بولسا 65 مىليارد كۇپمىتېر تەبىئىي گاز تۈكمەنىستاندىن ۋە بىر قىسمى ئۆزبېكىستاندىن خىتايغا توشۇشنى نىشانلىغان.

خىتاينىڭ ئېنىرگىيە ئېھتىياجى توغرىسىدا سۆز قىلغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىپادىلىشىچە، ئېنىرگىيە ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقان خىتايغا نىسبەتەن، ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ ئېنىرگىيە جان تومۇرى بولۇپ قالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت