خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتىنى 22- نويابىر كۈنى سانكتپېتېربۇرگدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇ رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن شۇنىڭدەك مەزكۇر ئىككى باش مىنىستىر 23- نويابىر كۈنى سانكىتپېتېربۇرگتا رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ۋېن جياباۋ " رۇسىيە-خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىش بىرلەشمە باياناتى"نى ئىمزالىغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋېن جياباۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىككى تەرەپ سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، ترانسپورت، مالىيە، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت 20 گە يېقىن كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن ھەم پرېزىدېنت دمىتري مېدۋېدېۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىنى زور ۋەقە سۈپىتىدە خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئادەتتىكى ئۇچۇرلار تەرىقىسىدە بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىختىلاپلار ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرگە ئائىت تۈرلۈك سەلبىي ئىنكاسلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
ئىككى باش مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، "رۇسىيىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
ئۇ، سۆزىدە يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنىلا چوڭقۇرلىتىپ قالماستىن بەلكى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىمۇ كېڭەيتىپ، يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئېچىپ، بىرلىكتە پەن-تەتقىقاتى قىلىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ تەكىتلىگەن. رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە يەنە رۇسىيە تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن ماشىنا ئېلېكتر ۋە يادرو ئېلېكتر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئىگىلىكنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش جەريانلىرىغا قاتنىشىشى ھەمدە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇلاھىزىچىلەر ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتىدىن كۆزلىگەن ئاساسلىق نىشاننىڭ سىياسىي جەھەتكە قارىغاندا، يەنىلا ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ساھەلەردە خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ نۇقتا "رۇسىيە-خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىش بىرلەشمە باياناتى"دىمۇ گەۋدىلەنگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشىدا رۇسىيىنىڭ خىتايغا ساتىدىغان تەبىئىي گازلىرىنىڭ باھاسى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەنمىگەن، يەنى، ئىككى تەرەپ گاز باھاسىدا كېلىشەلمىگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ رۇسىيىدىن ئالىدىغان گاز باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى سورىغان. ئەمما، رۇسىيە بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ گاز باھاسىنىڭ ھەر مىڭ كۇب مېتىرنىڭ 100 دوللار ئەتراپىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان،بىراق رۇسىيىنىڭ گازپروم شىركىتى بۇنىڭغا قوشۇلمىغان. چۈنكى، رۇسىيە ياۋروپاغا ھەر مىڭ كۇبمېتىر گازنى 300 دوللار ئەتراپىدا ساتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رۇسىيە تەرەپنىڭ خىتاي تەلەپ قىلغاندەك مۇنداق ئەرزان باھادا گاز سېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
26-28-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي-رۇسىيە نېفىت تۇرۇبىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسقان ھەمدە 2015-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان ئىدى. بىراق، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى گاز باھاسىدىكى ئىختىلاپلار بۇ پىلانغا زىتلىشىپ قالغان.
ئەمما، رۇسىيە ۋە خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ 15-نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشىنىڭ يەنىلا مەلۇم نەتىجىلەر بىلەن خۇلاسىلانغانلىقى ئېيتىلماقتا. بۇ بولسىمۇ رۇسىيىنىڭ بۇ يىل 12-ئايدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا كىرىشىگە قوشۇلۇشىدۇر. ۋاھالەنكى، رۇسىيىنىڭ رۇبلىسى بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا كىرىپ بولغان.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تىرىشىپ، ئۆز پۇلىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. ئۇ، رۇسىيە بىلەن بولىدىغان سودىدا دوللار ئىشلەتمەي، رۇبلى بىلەن خەلق پۇلىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
بىراق، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، ئەسلىدىكى بۇ يىل 60 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پىلانى ئەمەلگە ئاشماي، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىلقى سودىسىنىڭ 50 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
رۇسىيىنىڭ " يېڭى ۋاقىت" ئۇچۇر ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ۋېن جياباۋ 24- نويابىر كۈنى موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ، موسكۋادا "خىتاي تىلى يىلى" پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلىشقا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇلارغا " خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشۇش مۇكاپاتى" بەرگەن. ۋېن جياباۋ يەنە بىر قىسىم ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رۇسىيىلىك ئەربابلارنى" خىتاي -رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ساھەسىدىكى تۆھپىكارلىق مۇكاپاتى" بىلەن تەقدىرلىگەن.
ۋېن جياباۋ رۇسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بولۇپ، 24- نويابىر كۈنى تاجىكىستان زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىدىكى مەزكۇر دۆلەتتە رەسمىي سۆھبەتلەردە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۈشەنبە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
0:00 / 0:00