دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز 12 مۇستەبىتنىڭ بىرى خۇ جىنتاۋ
2011.12.27

بۇ ھەقتىكى تونۇشتۇرۇشتا يەنە، خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىكلىرىنى بوغۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەنىلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە مېھمان سۈپىتىدە قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. كانادادا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارالىق كانادا» ئىسىملىك ژۇرنالنىڭ ئالدىنقى سانىدا «دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز 12 مۇستەبىت» تاللاپ چىقىلدى. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۆلگەن، شىمالىي كورىيە دىكتاتورى كىم جۇڭئېل، خىتاي دىكتاتورى خۇ جىنتاۋ، ئۆزبېكىستان مۇستەبىتى ئىسلام كېرىموف ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قاتارلىق دىكتاتورلار بۇ ياۋۇز مۇستەبىتلەر تىزىملىكىدىن يەر ئالدى.
بۇ تىزىملىكتە شىمالىي كورىيە خەلقىنى ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى خىتاي جەمئىيىتىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇق قىزىل تېررورلۇق مۇھىتىدا ياشاشقا مەجبۇر قىلغان كىم جۇڭئېلغا تىزىملىكنىڭ باش بۇرنى بېرىلگەن بولسا، بىر مىلياردتىن ئوشۇق كىشىنى بىر پارتىيىلىك كوممۇنىستىك مۇستەبىتلىك تۈزۈم ۋە زوراۋانلىق يوللىرى بىلەن تىزگىنلەۋاتقان، خىتاي دىكتاتورى خۇ جىنتاۋغا 5-ئورۇن بېرىلگەن. تىزىملىكتە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇن سۈرىيە دىكتاتورى بەشىر ئەساد بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللاغا بېرىلگەن بولسا، 6- ۋە 7-ئورۇنلار رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بەلېرۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكوغا نېسىپ بولغان. رۇسىيىدىن مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىدىكى چېچەنلەر بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەرنى سۇيىقەست ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆزدىن يوقىتىشتا ئالاھىدە تونۇلغان، چېچەنىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورچاق پرېزىدېنتى رامزان كادىروفقا 11-ئورۇن بېرىلگەن. بۇ تىزىملىكتىن يەنە ئۆزبېكىستان مۇستەبىتى ئىسلام كېرىموف بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان.
مەزكۇر ژۇرنالدىكى نېمە ئۈچۈن «دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز 12 مۇستەبىت» تىزىملىكىگە بۇ دىكتاتورلارنىڭ تاللانغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن ماقالىدە «ۋاقىتسىز كەلگەن ئەرەب باھارى مۇستەبىتلەر ئۈچۈن گۆركار بولماقتا. ئۆز خەلقىگە مۇشتۇمزورلۇق قىلىپ، ئۇزۇن يىللارغىچە كۇرسىنى بوشاتمىغان تۇنىس دىكتاتورى بىن ئالىي، مىسىر دىكتاتورى مۇبارەك ۋە لىۋىيە دىكتاتورى كازافىيلار كۆزدىن يوقالدى. باشقا دىكتاتورلار بولسا جان تالاشماقتا. جاھالەتلىك ئاتموسفېرا، دىنىي كەڭ قوساقلىقنىڭ كەملىكى ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق ئوتتۇرا شەرقتە مۇستەبىتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇنبەت زېمىن ھازىرلىغاندى. ‹ئەرەب باھارى› شاماللىرى بۇ تۇپراقنى يۇمشاتماقتا. شۇڭا ھېچكىم ئەرەب باھارىدىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ تىزىملىككە كىرگەن بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز دىكتاتورلارنىڭ ئىسىملىكىنى رەت قىلالمايدۇ. بىز ياۋۇز دىكتاتورلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش يولىدا،ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، سانسىزلىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىنسانلارنىڭ سەمىگە سېلىشنى مەقسەت قىلدۇق» دېيىلگەن.
خىتاي دىكتاتورى خۇ جىنتاۋنى نېمە ئۈچۈن بۇ تىزىملىكتە بەشىنچى ئورۇنغا تىزغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا «خۇ جىنتاۋ 2012-يىلى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ، كەلگۈسىدە بۇ تىزىملىككە كىرىش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىدۇ،دېگەنلىكتۇر. ئۇ، 90-يىللاردىن باشلاپ زوراۋان-ياۋۇز ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق ئادىمى بولۇپ كەلدى. خىتايدا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى باشقا دۆلەتلەردە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئالدىنقى يىلىلا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى بىرنەچچە مىڭغا يېتىدۇ. 61 يىلدىن بېرى خەلققە زوراۋانلىق قىلىپ كەلگەن بۇ ھاكىمىيەت،نۆۋەتتە يەنىلا پۇقرالارنى ئادەتتىكى ئىنسانىي ئەركىنلىكلەردىن مەھرۇم قالدۇرماقتا ۋە ئۆكتىچىلەرنى كۆپلەپ تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا» دېيىلگەن.
تونۇشتۇرۇشتا يەنە، ئوتتۇرا شەرقتە پارتلىغان نامايىش تۈسىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر بىلەن دىكتاتورلارنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ئوتنىڭ ئۆزلىرىگە تۇتۇشۇشى-يامرىشىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئاغدۇرۇلغان بۇ دىكتاتورلارنىڭ تراگېدىيىسىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.