ئەنگىلىيە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009 - يىلى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەندىشە يارىتىدىغان دۆلەتلەر"نىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىش كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى كىشىنى ئالاھىدە ئەنسىرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ، "خىتاينىڭ 2009 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈزلۈكسىز جىددى ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى "نى، "بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى سەۋەبى تۈرمىگە سولانغانلىقى"نى ۋە بۇنىڭ ئۆزلىرىدە"ئەنسىزلىك ياراتقانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان مەزگىلى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباندنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ، لوندونغا قونغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن. ئۇ، دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىغا ئۈلگۈرگەن ئىدى. مىلىباند ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ دوكلاتى "ئۆز خەلقىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشىنى رەت قىلىۋاتقان ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، بولمىدى دېگەندە خەلقئارا جامائەتنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ" دېگەن.

ئەنگىلىيە ئېلان قىلغان 192 بەتلىك دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا، 2009 - يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدە ئالاھىدە ئەنسىزلىك ياراتقان 3 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنىڭ كۈچىيىشى، 2008 - يىلى تىبەت ۋە 2009 - يىلى شىنجياڭدا يۈز بەرگەن مىللى توقۇنۇشتا تۇتقۇن قىلىنغانلارغا قارىتىلغان مۇئامىلە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى.....دۇر" دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن، ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئۆزىدە ئۈمىدسىزلىك ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، ئۈرۈمچىدىكى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم جازالىرىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ئالى سود مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە دائىر بەلگىلىمىنى چىڭىتىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەقەگە ئوخشاش نازۇك دېلولاردا ئاقمىغانلىقىنى، ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنىڭ جاۋابكار بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە پاكىت تەييارلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بېيجىڭدىكى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلىپ سوتلانغانلارنىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشىڭنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلغان مىلىباند، لوندوندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا "ئىگىلىك ھوقۇق دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان قالقان بولۇش قارىشىنى رەت قىلىمەن،" دېگەن.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئەنگىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۆكتىچى زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالغان ئىدى. ئەنۋەر توختى شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك تەكلىپ پىكىرنى بەرگەن.

ئۈرۈمچىدىكى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە تۇتقۇنغا ئۇچراپ، ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان جىددى مەسىلىدۇر.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بۇ كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈرۈمچىدىكى "توقۇنۇش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەۋھۇم ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنىڭ مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىق بولغانلىقى بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى كۈچەيتمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" دە ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە تۇتقۇنغا ئۇچراپ، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ سان "دېڭىز ئاستىدىكى تاغنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان كىچىككىنە بىر قىسىمى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە 1400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەنگىلىيىنىڭ دوكلاتىدا بېلارۇسىيە، ئافغانىستان، خىتاي قاتارلىق 22 دۆلەتنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى "ئەندىشە قوزغاۋاتقان"دۆلەتلەر، دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتتىكى ئەنگىلىيىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دائىر بايانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ چارشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ دوكلاتىدىكى خىتايغا دائىر بايانلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ ھەرىكىتىنى بىر مەيدان "سىياسى ياسالمىلىقتۇر" دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.