ئەنگىلىيە تىبەت ھەرىكىتىنى ۋە دالاي لامانى قوللايدىغان غەرب ئەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەسىلە ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك خىتاي سەپىرى ياكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. ئەنگىلىيىدە يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللىئام خاگ چارشەنبە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تىبەت مەسىلىسىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت مەسىلىسىدە ئالغا قەدەم بېسىشقا ئۈندىگەن.
ۋىللىئام خېيگ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە خىتاينى تىبەتكە كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىش ۋە تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ "ئۇزۇندىن بېرى تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى" نى بىلدۈرگەن. ئۇ، ياڭ جىېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەنگىلىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى سۈرەتلەپ، "بىز تىبەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى خالايمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىمىز كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ۋە تىبەتكە كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىشتۇر" دېگەن.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى سودا - ئىقتىساد ۋە ئىككى دۆلەت كۆڭۆل بۆلدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ۋىللىئام خېيگنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئەنگىلىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنىۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ تىبەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى يېقىنقى مەسىلە ئەمەس، بەلكى بۇ ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەسىلىدۇر.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋىللىئام خېيگنىڭ تىبەتكە كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىش چاقىرىقىغا جاۋاب بەرمىگەن بولۇپ، ئۇ پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى كۆز قاراش پەرقى جۇڭگو - ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىجتىمائىي سېستىمىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بەزى مەسىلىلەردىكى كۆز قاراش پەرقىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىبەت مەسىلىسى ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئەنگىلىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر سۈرۈشكە بولىدۇ. ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھۆكۈمىتى 1870 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ياقۇپبەگ بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن ئەنگىلىيە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ مەيدانىدىن يېنىۋېلىپ، مانجۇلارنىڭ قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىشىغا سۈكۈت قىلغان.
ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يىقىلىپ، مانجۇلار قەشقەرىيىنى قايتا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان قەشقەرىيە ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەنگىلىيىنىڭ نەزىرىدە ئۇزاقتىكى بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "شەرقىي تۈركىستان" ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئەنىۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر ئەنگىلىيىدە ۋەزىيەت شەكىللەندۈرەلمىگەن.
خېيگنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئۇنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى. ئۇ، مۇخبىرلارغا بۇ زىيارەتنىڭ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپلىمىلىك سودا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەنگىلىيە - خىتاي شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئالدىمىزدىكى يىللاردا كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خېيگ" بىز ھەر ئىككى تەرەپ يەر شارىلىشىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتقان ئەللەر، بىزنىڭ بۇ مۇساپىنى ئالغا سۈرۈش يولىدا مەنپەئەت ئورتاقلىقىمىز بار" دەيدۇ.
ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ 2009 - يىلدىكى ئومۇمى سودا ھەجىمى 39 مىليارد دوللار بولۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ بۇ سودىدىكى بالانىسى ئاز كەم 8 مىليارد دوللار. ئەنگىلىيىنىڭ خىتايغا چىقارغان تاۋار ئېكسپورتى يۇقىرى سۈپەتلىك تاۋارلار ۋە مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان. لېكىن خىتاينىڭ چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتى ئەرزان باھادىكى تاۋارلار بولۇپ، ئەنگىلىيە بازىرىنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. ۋىللىئام خېيگ بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودىدىكى بۇ تەڭسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "بۇ يەردىكى ئىقتىسادى پۇرسەت ناھايىتى زور. لېكىن بىز خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىگە ئالاھىدە يول قويۇلغانغا قارىماي، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىش مەسىلىسى مەۋجۈت. بۇ بىز ھەل قىلىدىغان نىگىزلىك مەسىلە" دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.