يىغىننىڭ 2 - كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. كېيىن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا سايلام ئېلىپ بېرىلدى. سايلامدا 7 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى. نىزامىدىن سەمەت ئەپەندى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، دىلشات ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، قۇربانجان ئەپەندى باش كاتىپلىققا، ئىدرىس ئەپەندى مالىيە مەسئۇللىقىغا ھەمدە يەنە 3 نەپەر كىشى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلاندى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى نىزامىدىن سەمەت، باش كاتىپ قۇربانجان ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى رەھىمە خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.