تۈنۈگۈن ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «TV خەۋەرلىرى گېزىتى» دە «بىر ئەنگىلىيىلىكنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمى-بو شىلەيگە چېتىلىدىغان ۋەقە» سەرلەۋھىلىك ماقالە بېسىلغان ئىدى. بۈگۈن «تېلېگراف گېزىتى»دە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن، بو شىلەينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئەنگلىيە پۇقراسى ھېيۋۇتنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋول سترىت ژۇرنىلى»، «لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» دىمۇ، «تەيۋەن خەۋەرلىرى گېزىتى»، «رويترس خەۋەرلىرى» قاتارلىق كەڭ تارقىلىدىغان چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۈگۈن ھېيۋۇتنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ئېلان قىلىندى.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان «ئەنگلىيە پۇقراسى ھېيۋۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بارغانسېرى ئېنىق بولماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، «ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى» خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىدە پەيدا قىلغان شىددەتلىك «يەر تەۋرەش» نىڭ تەپسىلاتى ھازىر بارغانسېرى ئېنىق بولۇۋاتىدۇ. ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى دەسلەپتە خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ۋاڭ لىجۈن بو شىلەينىڭ ئائىلىسىگە چېتىلىدىغان دېلونى بېجىرىپ، بو شىلەينى غەزەپلەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچراپ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بارغان، دەپ بايان قىلغان ئىدى. يېقىندا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى يەنە، بىر ئەنگىلىيىلىكنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمى بو شىلەيگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان بو شىلەي ئائىلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيىل ھېيۋۇت بۇلتۇر 11-ئايدا چۇڭچىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ھاراقنى كۆپ ئىچىپ ئۆلگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، جەسەتنى دەرھال كۆيدۈرۈۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەردى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ رازۋېدچىكلىرى بو شىلەينىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەيگە چېتىلىدىغان دېلونى بېجىرىشتە قىينالغاندا، ۋاڭ لىجۈن بو دېلونى بو شىلەيگە دوكلات قىلىپ يوليورۇق ئالغان. ئىنگلىزچە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۇخبىرى ياڭ خەيپېڭ سىنا تورىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، ۋاڭ لىجۈن بېجىرگەن دېلولارنىڭ ئىچىدە بو شىلەي ئائىلىسىگە چېتىلىدىغان يىپ ئۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋاڭ لىجۈن نېرۋىسى چارچاپ كەتتى، ئارام ئالىدۇ دېگەن نام بىلەن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان.
خىتايدا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «شاڭخەيلىكلەر گېزىتى» بۈگۈن «چۇڭچىڭدا ئۆلگەن ئەنگلىيىلىك سودىگەر جاسۇسمىدى؟» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، چۇڭچىڭدا مۇستەقىل سودىگەر، تىجارەت مەسلىھەتچىسى دېگەن كىملىك بىلەن تۇرۇۋاتقىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان، خىتايچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان ھېيۋۇت ئەپەندى بو شىلەينىڭ ئوغلى بو گۇاگۇانىڭ دوستى. ئۇ 2001-يىلى داليەندە تۇرغاندىلا، شەھەر باشلىقى بو شىلەي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. بو شىلەينىڭ ئوغلى ئەنگلىيىدە ئوقۇش خىراجىتى يۇقىرى شەخسىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى تۆۋەن بولغاچقا، ئامېرىكىغا بېرىپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ئۈچۈن بۇنداق ئەربابلارنىڭ ئالاھىدە ياردىمىگە موھتاج بولغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» ھەربىي قىسىملار كوممۇنىست پارتىيىگە شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك، دېگەن جىددىي بۇيرۇقنى يەتكۈزدى. بۇ، «ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا پارتلىغان ھوقۇق ئۇرۇشى جىددىيلىشىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ھازىر كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئىدىيىۋى قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ ئىنكاسى.