بېرمۇدانىڭ 4 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشى بېرمۇدا بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسىىدا ئارازچىلىق پەيدا قىلدى

گۈەنتانامو تۈرمىسدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا يۆتكىلىشى، ئامېرىكا بىلەن بېرمۇدادىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئارىسىىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان. بېرمۇدانىڭ ھامىيسى بولغان ئەنگىلىيە مەزكۇر قاراردىن خەۋەرسىز قالغان.

0:00 / 0:00

بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى، ئەنگىلىيىنىڭ چەتئەلدىكى تېررىتورىيىسى ھېسابلىنىدۇ؛ بېرمۇدا ئىچكى ئىشلىرىدا مۇستەقىل بولسىمۇ، تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا ئەنگىلىيىگە بېقىنىدۇ؛ شۇڭا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 4 ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا يەرلىشىش قارارىدىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمۇدانىڭ ئەسلىدە بۇ ئىشتا ئەنگىلىيىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى، بېرمۇدانىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا مەسئۇلىيەتنىڭ ئەنگىلىيىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بېرمۇدا باش مىنىستىرى براۋن بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 4 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قارارنى توغرا بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر مەسىلىدە ئەنگىلىيە تەرەپ بىلەن سوغۇق بىر تالاش - تارتىش بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بېرمۇدا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغاندا كۆچمەن ئىشچى سالاھىيىتى بىلەن قوبۇل قىلغان. كۆچمەن ئىشىلىرى بېرمۇدانىڭ ئىچكى ئىشلىرى ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن بېرمۇدا 4 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن ئارىسىىدىكى كېلىشىمگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا؛ ئەمما بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا يۆتكىلىشىنى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرقانچە ھەپتە مۇازاكىرىلەشكەن؛ ئاخىرقى قارارنى چارشەنبە كۈنى يەنى 10 - ئىيۇن كۈنى كەچتە بەرگەن. ئامېرىكا تەرەپ پەقەت 4 نەپەر ئۇيغۇر ئېلىپ مېڭىلغان ئايروپىلان كۇبادىن ئۇچۇش ئالدىدىلا، ئەنگىلىيە تەرەپكە خەۋەر بەرگەن.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون، تۈنۈگۈن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىبانغا تېلېفون قىلىپ؛ ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكەن؛ ئەمما خەۋردە ھىللارىي كىلىنتوننىڭ كونكرېت نىمىلەرنى دېگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن.

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا تەرەپنىڭ، خىتاي بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسىىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 4 ئۇيغۇرنى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئەنگىلىيىنىڭ مەسلىھەتىنى ئالمىغانلىقىنى؛ كىلىنتوننىڭ بەلكىم بۇ نۇقتىدا ئىزاھات بەرگەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

4 ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا ئورۇنلىشىشىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن تەشكىلاتلاردىن بىرى، ئامېرىكىدىكى قانۇنىي ھوقۇق مەركىزى ناملىق ئاممىۋىي تەشكىلاتتۇر.

تەشكىلات باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئالدى بىلەن بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بېرمۇدا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەر مەيدانىنى قىزغىن قوللايمىز."

باياناتتا يەنە بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ۋە ھاياتىنى قايتىدىن باشلاشتىن باشقا ئارزۇسى يوقلۇقىنى، شۇڭا باشقا دۆلەتلەرنىمۇ، گۈەنتانامو مەسىلىسىدە بېرمۇدانى ئۆلگە ئېلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر تەشكىلات 1966 ‏ - يىلى ئامېرىكىدىكى ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئادىل نۇرى، ئەھمەد تۇرسۇن، ئابدۇغاپپار ۋە ئابدۇرازاق قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئادۋوكاتلىرى مانا مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدۇر.

بېرمۇداغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى تۈنۈگۈن ئادۋوكاتى ئارقىلىق بېرمۇدا ھۆكۈمىتىگە مۇنداق مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن: "بىز كوممۇنىزم تۈزۈمىدە ئۆسۈپ يېتىلدۇق؛ بىز ئۇزۇندىن بېرى، مانا مۇشۇنداق تېنچ ۋە ئەركىن جەمئىيەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدۇق؛ بۈگۈن سىلەر بىزگە ئەركىنلىك ئىشىكىنى ئاچتىڭلار."

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېرمۇداغا يەرلەشكەنلىكى ھەققىدە خەلقئارادىكى ئىنكاسلارنى ئاڭلاتتۇق.