مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ دىلمۇرات پەرھات بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈشى، سابىق ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىباندنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن 4 كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقىسى، يېڭى مىنىستىرنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن 2 ئاي بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى.
مىنىستىر ۋىلليام دىلمۇرات پەرھات بىلەن بولغان بۈگۈنكى سۆھبىتىدە، دىيارىم تور بېتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سەلكىن ۋە شەبنەم قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى رولى ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر قەلەمكەش ۋە تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن.
سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ يېقىندا ئەنگلىيىگە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. خىتاي تەرەپ بەرگەن مەلۇماتىدا، دىلشات پەرھات قاتارلىق 12 نەپەر تور باشقۇرغۇچىنى مەلۇم بىر تەربىيىلەش مەركىزىدە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا جىنايەتچىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۆھبەتتە دىلمۇرات بۇ مەلۇماتلارنىڭ يالغانلىقىنى، ئەگەر جىنايەتچى دەپ قارالمىغان بولسا، ئىنىسىنىڭ 5 يىللىق مۇددەتتە كېسىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىستىرلىق خادىملىرى، خىتاي تەرەپنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى، 11 - ئايدا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىلمۇرات پەرھات مىنىستىرلىقتىن، خىتاي بىلەن سۆزلەشكەندە، دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر مەھكۇملارنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.