ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى خىتاينى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامىروننىڭ يىتەكچىلىكىدىكى زور كۆلەملىك ئەنگىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. كامىرون بۇ جەرياندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم -ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

سودا ۋە ئىقتىساد كامىروننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىگەن . لېكىن، كامىرون زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيە ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

دەيۋىد كامىرون ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي سوت مەھكىمىسى 2009‏ - يىلى ئەنگىلىيە پۇقراسى ئاقمەل شەيخنى ئەتكەسچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرىغان ۋە دەرھال ئىجرا قىلغان بىر يىلدىن بۇيان، خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە كامىروننىڭ بۇ يىل 5‏ - ئايدىكى ئەنگىلىيە پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۇنجى ئاسىيا زىيارىتىدۇر.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كامىروننىڭ خىتايغا ئەنگىلىيە كارخانا ساھاسىدىكى زاتلارنى ئاساس قىلغان زور كۆلەملىك بىر سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كېلىشىدىن سودا -ئىقتىساد ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسلىە ئىكەنلىكى مەلۇم. لېكىن سودا -ئىقتىساد كامىروننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇقنى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋە 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان - قويمايدىغانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. كامىروننىڭ بېيجىڭغا قاراپ ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ "ئىنتايىن مۇھىم سودا سەپىرى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار كامىروننى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىنى قوغلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، كامىروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان - قويمىغانلىقى، قويغان بولسا كونكرېت قايسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە قانچىلىك جىددىي دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن ئۇنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى مەلۇم.

ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى "ئادەتتىكى مەسىلە" قاتارىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ۋېن جياباۋ بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كامىروننىڭ چارشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەن - سۆزلەشمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئۇ خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلغىچە بولغان بۇ جەرياندىكى ئاشكارا سورۇنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرىدە ليۇ شاۋبو مەسىلىسى قاتارلىق كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق دىلولىرىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى.

ئۇ پەقەت چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. كامىرون خىتاي بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ كېلەر يىلى 1‏ - ئايدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ خىتاي بىلەن بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپىمىز بار. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىختىلاپىمىز بار. بۇ مەخپىيەتلىك ئەمەس. بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ بىزدىن بۇنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ مەسىلىلەر بىز سەمىمىيەتلىك بىلەن ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردۇر" دەپ تەكىتلىگەن.

كامىروننىڭ بۇ سەپىرىدە ئۈرۈمچى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ كامىروندىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللىئام ھاگې كامىرون خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن "دىيارىم" تورىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھاتنىڭ لوندوندىكى ئاكىسى دىلمۇرات پەرھاتنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن. لېكىن، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماسلىقى ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەس. ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئەنۋەر توختى ئەپەندى كامىروننىڭ خىتاي بىلەن سودىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگىلىيە ئىقتىسادى 2008‏ - يىلى ئامېرىكىدىن باشلانغان ئىقتىسادى كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە ئېغىر قەھەتچىلىككە ئۇچرىغان ئىدى. كامىروننىڭ كونسېرىۋاتىپلار ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏ - ئايدا ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان خام چوتنى جىددىي قىسقارتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى سېلىنمىنى ئازايتقان ئىدى. كامىرون بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىدا خىتاينىڭ چوقۇم خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. كامىرون بۇ سۆزلەرنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدا ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى سېئۇلدىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئەڭ كەسكىن تالاش - تارتىش قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى. كامىرون ، ئىچكى ئىستىمالنى كۈچەيتىپ، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ۋە پاراۋانلىقنى ياخشىلاش ، ئوتتۇرا قاتلامغا لايىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىش، خەلق پۇلى كۇرسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار بىر كېچىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نەرسىلەر بولمىسىمۇ، لېكىن چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كامىرون ئاممىۋى سورۇنلاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

كامىرون بۇ چاقىرىقنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي مۇقىملۇق ۋە پاراۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن سىياسى تەرەققىياتنى ماس قەدەم بىلەن ئالغا سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، "يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا ئىقتىسادى ئەركىنلىكنىڭ كېڭىيىشى خىتاي ۋە دۇنياغا زور مەنپەئەت يەتكۈزدى. مەن بۇ تەرەققىياتنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئېچىۋىتىشقا ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، گۈللىنىش ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەرەققىيات قەدىمىنى تەڭ بېسىشتۇر" دەيدۇ.

كامىرون يەنە، كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى ئەركىنلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادى كۈچىنى ئالغا سۈرۈشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئىقتىسادى ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ تاللاش پۇرسىتى كۆپىيىپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە خىتايدا ئىقتىسادى ئەركىنلىك بىلەن سىياسى ئەركىنلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىنى قوزغايدىغانلىقى شۈبھىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.