خىتايچىنى جاڭسۇدا ئۆزى ئۆگىنىۋالغان ئەنگىلىيىلىك ژۇرنالىست، كىلاسسك يازغۇچى جوزىپ ماكىرتىچ ئەپەندى قوڭۇر چاچلىق ھەم ئادەتتە بۇرۇت قويۇپ يۈرىدىغان بولغاچقىلا، ئۇ 5 - ئىيول ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شاڭخەيدە ئۇيغۇر دەپ كەمسىتىلگەن.
ئەنگىلىيىلىك ژۇرنالىست جوزىپ ئەپەندى
[ 'مەن ئۇيغۇر بولغان كۈنلەردە'Opens in new window ]
دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: خىتاي جەمئىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھېچقايسى، بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىنمۇ ئېغىر ۋەقە يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەنلىكىگە ھەيران قالمىدى. ئەمما ئۇلار ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بۇ قەدەر ۋەھشى بولغانلىقىغىلا ھەيران قالماقتا.
جوزىپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ لوندوندىكى ۋاقتىدىلا، خېلى يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقان دىڭ ۋېن ئىسىملىك بىر خىتاي ئايال ئۇنىڭغا، بۇرۇن بېيجىڭدە گېزىت تەھرىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دادىسى ئۈرۈمچىگە مەجبۇرىي ئەۋەتلگەنلىكىنى، ئۇ دادىسىنى كۆرگىلى بارغاندا، ئۈرۈمچىدە قورقۇپ كۇچىغا چىقالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياۋۇز ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىكەن.
جوزىپ ئەپەندى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ، خىتايلارنىڭ 'شىنجاڭ' دېگەن بۇجاينى خىتايچە قىممەت قارشى بولمىغان ياۋايىلارنىڭ رايونى، خەتەرلىك جاي دەپ يۈرگەنلىكىنى؛ گەرچە تارىخىي كىتابلاردا بۇ جاي مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ھازىر خىتايلار مول بايلىق ساقلىنىپ ياتقان بۇ بىپايان قۇرۇقلۇقنى بۇنىڭدىن 115 يىل بۇرۇن خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرقىسمى بولغان، خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلى ئەسلىدە بۇ جايدا بولسىمۇ، ئەمما كېيىن قۇم بېسىپ غايىپ بولغان، دەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
'مەن شاڭخەيدە ئۇيغۇر بولغان كۈنلەردە خىتايلارنىڭ بەد - بەشرە ئېرقچى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىم'
جوزىپ ئەپەندى خىتايغا كەلگەندىن كېيىن، نەگىلا بارسا خىتايلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنى زەھەرلىك چىكىملىك ساتىدۇ، يېنىدا قورال ساقلايدۇ، ئادەم ئۆلتۈرىدۇ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.
"مەن شاڭخەيدە، بىر رېستوراننىڭ ئالدىدا ناۋايچىلىق قىلىدىغان ئىككى ئۇيغۇر بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئاندىن خىتايلارنىڭ بەد - بەشرە ئېرقچى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىم" دەپ يازىدۇ جوزىپ ئەپەندى 'مەن ئۇيغۇر بولغان كۈنلەردە' دېگەن ماقالىسدە.
"ئۇيغۇرلارغا مال ساتمايمىز" دەپ قوغلاپتۇ
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ئۇيغۇر ناۋاينىڭ بىرى، خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش قېنىق قوڭۇر چاچلىق، بۇرۇتى بار كىشى ئىكەن. جوزىپ ئەپەندىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش دوپپا كېيىۋېلىپ، بەزىدە ناۋاي دوستىغا نان سېتىشىپ بېرىپ يۈرگەن ئىكەن.
بىر كۈنى ئۇ كوچىدا كېتىۋاتسا، بىر خىتاي ۋېلىسپىتىنى توختىتىپ، ناھايىتى كۆرەڭلىگەن ھالدا "ئۇيغۇر، مۇسۇلمان، دېگەن مۇشۇ " دەپ ئۇنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ مازاق قىپتۇ. ئۇ ئوچۇق بازارغا بېرىپ زىننەت بۇيۇمى ئالماقچى بولغاندا، دۇكاندار خىتاي "ئۇيغۇرلارغا مال ساتمايمىز" دەپ ئۇنى قوغلاپتۇ. گەرچە ئۇ ئۆزىنى مەن ئەنگىلىيىلىك دېسىمۇ ئىشەنمەپتۇ.
"خىتاي گېزىتلىرى ئۇيغۇرلارنى 'بۆلگۈنچى، قاتىل' دېيىشكە باشلىغاندىن كېيىن، شاڭخەيدە خىتايلار، بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا ئېرقچىلىق قىلىدىغان بولىۋالدى"
--- خىتاي گېزىتلىرى ئۇيغۇرلارنى 'بۆلگۈنچى، قاتىل' دېيىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ گېپىگە كىرىپ ياپونلارنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتايلار، بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا ئېرقچىلىق قىلىدىغان بولۇۋالدى، ھەتتا شاڭخەيدە پۇراپ قالغان بېلىقلارنى ساتىدىغان خوتۇنلارمۇ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىىشكە باشلىدى، --- دەپ بايان قىلىدۇ جوزىپ ئەپەندى ماقالىسىدە، - ئەمما سۇلتانغا لايىق يېمەك ۋە مىۋىلەرنى ساتىدىغان ئۇيغۇرلار بۇ شەھەردە، خۇددى14 - ئەسردە، ئىتالىيىنىڭ فلورېنسى شەھىرىدە بەڭگىلەرگە بىھۇش دۇرىسى ساتىدىغانلارنى چەكلىمەي، پەقەت يەھۇدىلارنىڭ ھەر قانداق ئىش قىلىشىنى چەكلىگەندەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
"ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كەمسىتىشكە ئۇچرىشىغا پەقەت چىرايى خىتايلارغا ئوخشىمىغان مىللەت بولغانلىقى سەۋەب بولدى"
جوزىپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا بۇنداق كەمسىتىشكە ئۇچرىشىغا، پەقەت چىرايى خىتايلارغا ئوخشىمىغان مىللەت بولغانلىقى سەۋەب بولدى.
ئۇيغۇرلار خىتايلارغا ئوخشىماي، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا، تۈركىيىلىكلەرگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تارتىپ كېيىنىشىگىچە، ھېچنېمىسى شاڭخەيلىك ياكى بېيجىڭلىقلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇيغۇرلانىڭ تىلى خىتايلارغا تېخىمۇ ئوخشىمايتتى. شۇڭلاشقا 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى'دېگەن ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلانىڭ خىتايغا ئوخشىمايدىغان شەكىللىرى ئىنتايىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان، مەسچىتلىرى چېقىلىپ، دىنىي ئېتىقادى چەكلەنگەن ئىدى.
"ماۋ 1949 - يىلى ئۇيغۇرلارغا تولۇق ئاپتونومىيە بېرىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى"
جوزىپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋ 1949 - يىلى ئۇيغۇرلارغا تولۇق ئاپتونومىيە بېرىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، بەلكى ئىزچىل ھالدا ئىنتايىن قەبىھ ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن.
1960 - يىللاردا ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر يۇرتىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتپاقىغا قاچتى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار بۇ رايوندا ئىزچىل ھالدا ھېچبىر كەڭچىلىككە ئېرىشمىگەنلىكتىن، ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى ۋەقەسى پارتلىدى.
"كۈچۈرۈپ كېلىنگەن خىتايلار بۇ رايوننى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقىچى بولۇۋاتىدۇ"
جوزىپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرقى 21 - ئەسردە، گەرچە خىتاي ھۆكۆمىتى ئۆزى ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇ رايوندا بەختكە ئېرىشەلمىدى. بەلكى كۈچۈرۈپ كېلىنگەن خىتايلار ھازىر بۇ رايوننى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇرلاردا پەيدا بولغان بۇ غەزەپ - نەپرەتنى پۈتۈنلەي كوممۇنىستلار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بۇنىڭغا يەنە سۈكۈت قىلىنسا، قان تۆكۈلۈشتىن ئۆزگە ئاقىۋەت چىقمايدۇ.
تەھرىر ئېلاۋىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئاپتور بۇ ماقالىسىنى 6 - ئىيۇل تۇنجى ئېلان قىلغاندا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى تىخىچە تىنجىغىنى يوق. 1400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىنىپ بولدى. تېخىچە قان تۆكۈلۈۋاتىدۇ.