ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇرلار لوندوندىكى ئەندوۋېر پائالىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ۋە قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن.

0:00 / 0:00

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. بۇ كۈن سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر 1933 - يىلى قەشقەردە، مەرھۇم ئېلىخان تۆرەم باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر 1944 - يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققان بىر كۈن.

بۇ كۈن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلەنمەكتە. يىغىنلاردا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئاڭلىتىلماقتا.

londonda-jumhuriyet-hatirlendi-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻫﯧﻴﺘﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش شۇنداقلا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىنغا لوندوننىڭ مەركىزى ۋە ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان. يىغىندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدە ئەزىز ئەيسا ئەپەندى دوكلات بەرگەندىن باشقا لوندون ئۇيغۇر ئانسانبىلى ئويۇن قويغان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى نىزامىدىن سەمەت ۋە يىغىندا دوكلات بەرگەن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.