ئەنقەرەدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن نامىدا باغچە قۇرۇلدى

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولغان كەچى ئۆرەن رايونىنىڭ چىچەكلى مەھەللىسىدە «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى» قۇرۇلدى.

0:00 / 0:00

21- ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا كەچى ئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇستافا ئاق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر ۋە ئاممىدىن بولۇپ بەش يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن، سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا ئاق ئەپەندى بۇ باغچىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كېيىن، لېنتا كېسىش مۇراسىمى بىلەن باغچە ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. باغچىنىڭ ئىشىكىگە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئىسمى چوڭ خەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، باغچىنىڭ ئىچىدە سۈنئىي كۆل، بالىلار بۆلۈمى، دەم ئېلىشقا چىققانلار بۆلۈمى، ئاشخانا ۋە قەھۋەخانىلار بار ئىكەن.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن نامىدا ئېچىلغان باغچىنىڭ لېنتا كېسىش مۇراسىمى. 2012-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن نامىدا ئېچىلغان باغچىنىڭ لېنتا كېسىش مۇراسىمى. 2012-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە. (RFA/Erkin Tarim)

كەچى ئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەنقەرەدە «كىچىك تۈرك دۇنياسى » دەپ تونۇلغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى كوچا، باغچە ۋە مەھەللىلەرگە تۈرك دۇنياسىنىڭ تونۇلغان ئەدىب، شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ ناملىرى قويۇلغان. مەسىلەن، بۇ رايوندا تونۇلغان ئەزەربەيجان شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادە، قازاق يازغۇچىسى ئاباي، قىرغىزلارنىڭ دۇنياغا تونۇلغان يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف ۋە ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي قاتارلىقلارنىڭ ناملىرى ئاممىۋى مۇئەسسەسىلەرگە ئىسىم قىلىپ بېرىلگەن.

بىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا ئاق ئەپەندى ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان ئاممىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.