ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى تۈرك سىياسەتچىلەرگە ئىپتارلىق زىياپەت بەردى

ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىپتارلىق زىياپەتكە پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيىدىكى مۇھىم شەخسلەر ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

11 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان رامىزان ئېيىنى پۇرسەت دەپ بىلگەن تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ھەر كۈنى دېگۈدەك تەشكىلات مەركىزىدە ئىپتارلىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ۋەتىنىگە بولغان ھەسرىتىنى ئازايتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك سىياسەتچىلەرنى ئىپتارلىق زىياپەتكە چاقىرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمىنى ئاڭلاتماقتا. بۇ جۈملىدىن 15-ئاۋغۇست كۈنى ئاخشام ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل باشچىلىقىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرى ئىپتارلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى. زىياپەتكە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت پارلامېنت ئەزاسى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى، شەنول بال خانىم، 450 مىڭ ئەزاسى بار بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى، باش سېكرېتارى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئىپتار جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى، خەيرۇللاھ ئەپەندىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ئىپتارلىق زىياپەتتە مېھمانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ لەزىز ئۈگرە، پېتىر مانتا، پولۇ ۋە زىخ كاۋاپلىرى تارتىلدى.

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ئىپتارلىق زىياپەتتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ئىپتارلىق زىياپەتتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-ئاۋغۇست، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئىپتار زىياپىتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى يولىدا جېنىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە دۇئا قىلىندى. ئىپتارلىق زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى مېھمانلارغا ئۇزاتتۇق.

پارلامېنت ئەزاسى سابىق دۆلەت مىنىستىرى رىشات دوغرۇ ئەپەندى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچىسىز دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بۈگۈن بىزنى ئىپتار زىياپىتىگە تەكلىپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى زۇلۇم ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇلاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى كېيىنكى يىللاردا قاتمۇ-قات كۈچەيگەن. بولۇپمۇ رامىزان ئېيى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇم قىلىۋېتىپتۇ. مەن بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. خىتاي خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلماستىن مۇسۇلمانلارغا خالىغانچە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى دۇنياغا پاش قىلىشى كېرەك. چۈنكى، خىتاي ئەقەللىي ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ.

پارلامېنت ئەزاسى شەنول بال خانىم مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا سەۋر-تاقەت تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا سەۋر-تاقەت تىلەيمەن. خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى بولغان روزىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارغا بۇ خىل بېسىملارنى ئىشلىتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زۇلۇم كۆرۈۋاتىدۇ، زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سەۋر-تاقەت تىلەش بىلەن بىرلىكتە، كۈرەشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمىنى تۈرك جامائەتچىكىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. 3-كۈندىن كېيىن روزى ھېيت يېتىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن.

بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەن 450 مىڭ ئەتراپىدا ئەزاسى بار، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندىمۇ ئىپتارلىق زىياپەتكە ئۇيۇشمىنىڭ كادىرلىرى بىلەن بىرگە كېلىپ قاتناشتى. ئۇ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا مۇنۇلارنى دېدى:
-شەرقىي تۈركىستاندىكى ھادىسىلەرگە ئەڭ باشتا تۈركىيە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. تۈركىيە خەلقئارا تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىگە شەرقىي تۈركىستاننى پىدا قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنى تامامەن يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا، خىتاي بېسىۋالغان زېمىندىكى خەلققە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا دۇنيا دۆلەتلىرى، ب د ت بىر نەرسە دېمەيۋاتىدۇ. بۇ، دۇنيا ئۈچۈن ئۇيات بىر ئىش.