خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 -يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،نامايىشقا تۈركىيىدە تونۇلغان ناخشىچى قايا قۇزۇجۇ ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيىنىڭ ياچېيكا مەسئۇللىرى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەزەربەيجانلىقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيىنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا "غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇمايمىز ۋە ئۇنۇتتۇرمايمىز"، "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال"، "شەرقىي تۈركىستان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭدۇر’ دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.،كېيىن شۆبە باشلىقى ھەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئاخبارات باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

xitay-elchixanisi-aldida-namayish-385
2011-يىلى 5-فېۋرال، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 -يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. (RFA/Erkin Tarim)

باياناتتا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 14 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە قانچە كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، قانچە كىشىنى قامىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغاندىن كېيىن "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت" دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. نامايىشقا كۆپ ساندا تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلدى. نامايىش خىتاينىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.