پائالىيەت تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 يېرىمىدا تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قۇغۇلى باغچىسىدا باشلاندى. ئالدى بىلەن باغچىغا توپلانغان نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيىنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
نامايىشچىلار قۇغۇلى باغچىسىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغىچە ئىككى كىلومېتىر يۈرۈپ، يول بويى «تۈركلەر ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىشچىلار ئەنقەرەنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان ئارگېنتىنا كوچىسى بىلەن پەلەستىن كوچىلىرىدىن شوئار توۋلاپ ئۆتۈۋاتقاندا ئىككى يول ئەتراپىدىكى شىركەت، ئىدارە-جەمئىيەت خادىملىرى ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

20 مىنۇت يول يۈرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەن نامايىشچىلار ئارقا-ئارقىدىن شوئار توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇپ ئايرىلدى.
بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا ئەنقەرە ۋە قەيسەرىلىك ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالىي ئەپەندى، ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى مەسئۇلى زائۇر بايراملى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ قىزىقىشىمۇ يۇقىرى بولدى.