ئۇشاقتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا كۈتاھيا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆمەر ئوكتاي ئاقارجا، ئۇشاق ئۈلكۈ ئوجاقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى سەرقان ئارىجان قاتارلىق كىشىلەردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
يىغىندا ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ پروفېسسۆرى سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالپتېكىن ئەپەندى بولسا `تۈركىيىگە كۆچۈپ چىققان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى` تېمىسىدا سۆز قىلغان.
ئارسلان ئالپتېكىن ئەپەندى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇ يىغىنلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چۆڭقۇرلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق دىققەت - ئىتىبارىنى قوزغىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ 9 - ئايدىن بۈگۈنگىچە 12 قېتىم دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەنقەرە غازى ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا `قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان` ناملىق يىغىندا دوكلات بەرگەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ھەم يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.