ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار تاتارلارنىڭ پائالىيىگە قاتناشتى

تۈركىيىدە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن ئىنسانلار ياشايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغانلاردىن بىرى قىرىم تاتارلىرىدۇر. چۈنكى بۈگۈن ئۇكرانىيىگە قاراشلىق، قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان قىرىم رايونى ئۇزۇن يىل ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تارمىقىدا قالغان.

0:00 / 0:00

كېيىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ ساندا قىرىم تاتارلىرى تۈركىيىگە كېلىپ جايلاشقان. قىرىم تاتارلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سابىق مىنىستىر ئاخمەت ئىھسان قىرىملى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە تۈركىيىدە 2 مىليون ئەتراپىدا تاتار بار ئىكەن.

بۇ تاتارلار ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق قىرىم تاتارلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا قىرىم مەدەنىيەت كېچىسى ئۆتكۈزدى.

بۇ سەنئەت كېچىسىگە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاتارلار، ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى باشچىلىقىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.

قىرىم تاتارلىرى جەمىيىتى باشلىقى سابىق مىنىستىر ئاخمەت ئىھسان قىرىملى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقىدا 1944 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاقشام ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 200 مىڭ ئەتراپىدا تاتارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنىڭ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ساق قالغانلىرىنىڭ بولسا 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا زۇلۇمنىڭ مەڭگۇ بولمايدىغانلىقىنى، ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئاخىرى بىر كۈن ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە يەنە تاتارىستاندىن ۋە ئىستانبۇلدىن تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتچىلەر تاتارچە ناخشا ئوقۇپ ئۇسسۇللار ئوينىدى. يىغىندا سۆز قىلغانلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.