ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چاقىرىلغان يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ھەتتا مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى. يىغىن زالىدىكى كىشىلەر قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئەركىنلىك دەپ شوئار توۋلاشتى.

rabiye-hanim-hayrullah-385.jpg
ئەنقەرەدە ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدىكى يىغىندا رابىيە قادىر خانىم ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. 2011-يىلى 19-ئاپرېل. (RFA/Erkin Tarim)

كېيىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئادۋوكات ھاقان ئىشق ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر قىلدى. گازى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ۋاھىت دوغان رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مەمەت ئەمىن چاغىران ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدا، دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىشغالى» تېمىسىدا ۋە تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۈكسۈر ئەپەندى بولسا «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

yighin-zalidin-korunish-385.jpg
ئەنقەرەدە ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدىكى يىغىن زالىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 19-ئاپرېل. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە ھوقۇق ئىنستىتۇتى ئەنقەرە شۆبىسى مۇدىرى ھاقان ئىشق ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بىزنىڭ بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. بۇ يىغىن ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىز تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. بۇ يىغىنىمىزدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدىرى رابىيە قادىر خانىم ئىنتېرنېت ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى، يىغىنىمىزنى شەرەپلەندۈردى. بۇ يىغىن تۈركىيىدە قانۇنچىلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى يىغىن دېسەك خاتا گەپ قىلغان بولمايمىز.

تۈركىيە ھوقۇق ئىنستىتۇتى ئەنقەرە شۆبىسى مۇدىرى ئادۋوكات ھاقان ئىشق ئەپەندى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايلارنىڭ 1949-يىلى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى خەلقئارا قانۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشغال قىلىۋالغان. بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا قانۇندا مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقسىز بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.»

پروفېسسور در. مەمەت ئەمىن چاغىران ئەپەندى قىلغان سۆزىدە خەلقئارا قانۇن بويىچە قارايدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق گۇمان يوقلۇقىنى، بۇنى شىن جياڭ ئىسمىدىن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ سەددىچىننىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىدىنمۇ ئاسانلا ئىسپات قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە خەلقئارا قانۇندا ئىشغال قىلىنغان زېمىننى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەرنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ھەققىنىڭ بارلىقىنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. پروف. در. مەمەتەمىن چاغىران ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۆپ دۆلەت قۇرغانلىقىنى بولۇپمۇ 1933- ۋە 1944-يىللىرىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي تونۇغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە خەلقئارا قانۇندا بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھەق ۋە ھوقۇقلارنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى.

كېيىن دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايلارنىڭ قانداق بېسىۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۈگۈن خىتاي بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بولۇۋاتقان جايلار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلار بەھرىمەن بولۇشقا

تېگىشلىك ئەقەللىي ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆز تەتقىقاتلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى بەردى.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن تېمىسىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىن يىغىندا سۆز قىلغانلارغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى. 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن خاتىرە بۇيۇمىنى رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى.