نامايىشقا خەيرۇللاھ ئەپەندى باشچىلىقىدا 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. خىتاي ۋاسكىتبول كوماندىسى تەنتەربىيىچىلىرى بىلەن خىتايلار ئارەنا تەنتەربىيە زالىغا كىرىشتىن بۇرۇن، قولىغا لوزۇنكا ۋە كۆكبايراقلارنى كۆتۈرۈۋالغان 50 ئەتراپىدا نامايىشچى شۇئار توۋلاپ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
لوزۇنكىلارغا `تەنتەربىيە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى، خىتاي نېمىنىڭ سىمۋولى؟ خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال' دېگەن شوئارلار يېزىلغان.
بۇ نامايىشنى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نەق مەيداندا مىكرافونىمىزنى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەپەندى بىلەن نامايىشچىلارغا ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.