0:00 / 0:00
نامايىشقا، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن چوڭ كىچىك 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىشتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

تۈركىيىدە، قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەر ۋە گۇرۇھلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.