خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!"، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!" دەپ شوئار توۋلاپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن چوڭ كىچىك 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىشتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

Enqerede-namayish-1001-2010-siyit-tumturk-efendigil-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

تۈركىيىدە، قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەر ۋە گۇرۇھلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.