ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

بۈگۈن 10 - ئوئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈندە، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئېيىبلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ نامايىشقا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى، تۈركىيە قانۇنچىلار ئىنىستىتۇتى كادىرلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن چوڭ كىچىك 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۇلار شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، قاتىل خىتاي دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى. تۈركىيىدە قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويىلىدۇ.

Enqerede-muxpirlargha-bayanat-Siyit-T-1-305.jpg
10 - ﺋﻮﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺍﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﯘﻟﻰ ﻫﺎﻳﺮﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

30 - سېنتەبىر كۈنى ئاقشام 6:45 مىنۇت ئۆتكەندە ئىتسانبۇلدىن كەلگەن مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھويلىسىغا بومبا ئاتقان. ئىككىنچى بومبىنىڭ پىلىكىگە ئوت تۇتاشتۇرىۋاتقاندا تۈرك ساقچىلىرى تۇتۇپ سولاپ قويغان. شۇڭا بۈگۈن ئەنقەرەدىكى نامايىشچىلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگىلى قويمىدى.

بۇ نامايىشنى د ئۇ ق نىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسۇلى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ تىرىشچالىقى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

كېيىن، نامايىشچىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇلارغا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز بېسىۋالغانلىقى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنى بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.