بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىقى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چاقىرىلدى. مەزكۇر يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى" تېمىسىدا دوكلات بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئەنقەرەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ياشلار ياچېيكىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
تەشكىلات مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى سۆز باشلىدى. ئۇ، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي خەلقىغە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
بولۇپمۇ، ئۇ نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىر دۇنيادا ئىنسان ھوقۇقلىرى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسەتكە قارشى نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختالغان ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نەرسە شۇكى، ياۋروپا بىرلىكى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرى بار. بۇلار، بىرىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ‘ئاساسىي خەلقلەر’ دېگەن بىر ئۇقۇم بار. بۇ، بىر رايوندا قايسى مىللەت كۆپ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك خەلقلەر كىملەر؟ دېگەن مەسىلىگە تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلاردۇر. ئىككىنچى، قانۇندا ئۇ مىللەتكە بېرىلگەن ھوقۇقلار ئىجرا قىلىنىۋاتامدۇ ؟ بۇنىڭغا قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى بېرىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرى قانۇن بويىچە بەرگەن ھوقۇقلىرىنىمۇ ئېلىۋېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن خىتايلاردىن بۇ ھەق - ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھوقۇقلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى دۇنيا دۆلەتلىرىگە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ياخشى بىلدۈرىشىمىز كېرەك."
"شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى" دېگەن تېمىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ دوكلاتقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە 15 كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىننىڭ ھەممىسىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان مەرال ئۇسلۇ ئىسىملىك خانىم تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ يەردە ئۆگەنگەنلىرىمنى ئەتراپىمدىكىلەرگە ئاڭلىتىۋاتىمەن. مېنىڭ قىزىم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئېمتىھانلىرى بار بولغاچقا كېلەلمىدى. بۇندىن كېيىنكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۇنىمۇ ئېلىپ كېلىمەن."
ھانلار خوجا ئىسىملىك بىر كىشى يىغىندىن كېيىنكى تەسىراتنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ دوكلات بەك پايدىلىق بولدى. كۆپ پايدىلاندۇق، بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا بۇ خىل يىغىنلارنى چاقىرىشىمىز ۋە تۈرك خەلقىغە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.