لوندوندا چىقىدىغان "ئوتتۇرا شەرق" گېزىتىنىڭ 2010 - يىلى12 - يانۋار سانىدا، "ئەردۇغان ئىسلامغا خىزمەت قىلىش ساھەسىدە پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى" دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى "پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتى" غا نامزات كۆرسىتىش ۋە باھالاش كومىتېتى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغاننى "ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ھۇشيار ۋە ئەڭ ئادالەتلىك ھاكىمىيەت تۇتۇش ئۈلگىسى" دەپ باھالاپ، ئۇنىڭغا 2010 - يىللىق پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتىنى بېرىشنى قارار قىلدى. باھالاش كومىتېتى ئەردۇغاننى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ھۇشيار رەھبەر، تۈرك خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەقدىرىگە سازاۋەر بولغان ئۈلگىلىك شەخس، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا يۈرەكتىن كۆڭۈل بۆلۈشى، خۇسۇسەن پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ھۆكۈمدار، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئېچىۋېتىش ۋە مەسىلىلەرنى دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىش، دۇنيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى يولغا قويۇش جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىياسەتچى دەپ تەرىپلىگەن."
پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى مەرھۇم فەيسەل ئىبنى ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن 1977 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىسلامغا خىزمەت كۆرسەتكەن، ئەرەب ئەدەبىياتى، مېدىتسىنا ۋە ھەر قانداق بىر ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتى قۇرۇلغان ۋاقتىدىن تا ھازىرغىچە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئىسلام ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، ھەر قايسى ئىلم - پەن ساھەلىرىدە ئوتۇق قازىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قولغا كەلتۈرگەن شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئىشىنى ھەر يىلى ئېلىپ بارماقتا. مەلۇمكى، پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئىسلامغا خىزمەت كۆرسىتىش ساھەسىدە نامزات بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ھازىرغىچە ئاساسەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇپتىلىرى، رەئىس جۇمھۇرلىرى ۋە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان كاتتا ئۆلىمالاردىن تاللىنىپ كەلگەن چوڭ ئىمتىيازدۇر.
نۆۋەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغاننىڭ بۇ شەرەپكە نائىل بولغانلىقى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، خۇسۇسەن تۈركىي خەلقلەرنى بەكرەك سۆيۈندۈرگەن بولۇشىدا شەك يوق.
مۇكاپات مىقدارى
پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىنىڭ ئۈلگىلىك ئىش - پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىغا تۈرتكە بولغان چوڭ خىزمىتى يېزىلغان تەقدىرنامە، ئېغىرلىقى 200 گرام كېلىدىغان ساپ ئالتۇندىن ياسالغان مىدال، 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىقلاردۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.