سۈرىيىنىڭ تۈركىيە چېگرىسىدا پەيدا قىلىدىغان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن ھېچ قانداق ئۇسۇلدا كەچۈرۈم قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردۇغان سۆزىدە يەنە يۈز بەرگەن ۋەقە تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر دەۋر پەيدا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
باش مىنىستىر ئەردۇغان مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىدىن تۈركىيە چېگرىسىغا خەۋپسىزلىك ۋە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھالدا يېقىنلاشقان ھەر قانداق ھەربىي ئۇنسۇر تەھدىت دەپ قارىلىدۇ ۋە ھەربىي مەقسەت دەپ مۇئامىلە كۆرىدۇ".
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغان، سۈرىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سىمسىز ئاپاراتتا قىلىشقان سۆزلىرى ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلەر جەريانىدا، قورالسىز تۈرك ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تۇتقان مەيدانى ۋە ئاخباراتلاردىكى تەتۈر تەشۋىقاتلار، تۈركىيە ئايروپىلانىنى قەستەن ئېتىپ چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.»
ئەردۇغان، تۈركىيىنىڭ خەلقئارا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتمەي ساقلاپ قويغانلىقىنى ۋە بۇ نەپرەتلىك ھۇجۇمغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنى باسىدىغانلىقىنى سۈرىيىگە پەقەت دىپلوماتىيىلىك خەت يېزىش ئارقىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
سۈرىيە بۇنىڭدىن كېيىن كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ
باش مىنىستىر ئەردۇغان، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى سۈرىيە تەرىپىدىن قەستەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دائىر تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائىتىگە مەلۇمات بېرىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: پۈتكۈل دۇنياغا ئوچۇق ھالدا شۇنى ئىپادىلەيمىزكى، تۈركىيە ئورنىنى، ۋاقتىنى ۋە باشقۇرۇشنى ئۆزى بەلگىلەپ بۇ ھەقسىزلىققا قارشى خەلقئارالىق قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، كېرەكلىك قەدەقملەرنى باسىدۇ، بىز سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن تەھدىت ھالغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەمما بۇ ئايروپىلان چۈشۈرۈش ۋەقەسى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىرگە تۈركىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئوچۇق ۋە يېقىن تەھدىت ھالغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەمدى يېڭى بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈرىيە رېجىمىنىڭ چېگرىمىزدا پەيدا قىلغان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى ھېچ بىر شەكىلدە كەچۈرۈم قىلمايمىز ۋە بەدەلسىز قويمايمىز.
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە يەنە: چېگرىغا يېقىنلاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەربىي تەھدىت دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە قوراللىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي قائىدە - تۈزۈملىرىمۇ يېڭى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: سۈرىيىدىن تۈركىيە چېگرىسىغا بىخەتەرلىك تەھدىت پەيدا قىلىدىغان شەكىلدە يېقىنلىشىشىنى ھەربىي ھەرىكەت تەھدىدى دەپ قارايدۇ ۋە ھەربىي نىشان دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە يەنە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خاتا ھەرىكەت قىلماسلىقىنى ۋە تۈركىيىنىڭ جاسارىتىنى دەڭسەپ باقماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى ھەمدە تۈركىيىنىڭ سەبىر - تاقىتىنى توشقۇزۇشقا بولىدىغان، دوستلۇقىنى ياكى دۈشمەنلىكىنى سىناپ باقىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئەگەر تۈركىيىنىڭ قانداق دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغانلار بولسا بىز ھېچ ئىككىلەنمەستىن تۈركىيىنىڭ سىناپ بېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئېنىق مۇستەھكەم شەكىلدە ئىسپاتلايمىز.
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە يەنە سۈرىيىنىڭ تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى خەلقئارا دېڭىز ساھەسىدە ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، قولىدىكى ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھەر قانداق قېرىنداش دۆلەتنىڭ خاتىرجەم بولىدىغان بىر دۆلەت، ئەمما تۈركىيىنىڭ دوستلۇقى قانچىلىك قىممەتلىك بولسا دۈشمەنلىكىمۇ شۇنچىلىك شىددەتلىك ۋە غەزەپلىكتۇر.
بىز تارىخ يارتىمىز
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە يەنە تۈركىيىنىڭ سىلىق سىپايە ۋە تەمكىن مۇئامىلىسىنى ئاجىزلىق دەپ قارىماسلىق كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ جاسارەتلىك تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەجدادلاردىن ئالغان مىراس روھى بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى جاسارەتلىك سۆز قىلىش دېگەنلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە، كېيىن بۇ مىللەتنىڭ تارىخىغا قارىسۇن، مەن بۇ سۆزلىرىمنى مىڭ يىللىق تارىخىمىزدىن ئىلھام ئېلىپ سۆزلەۋاتىمەن، ھېچ كىمگە تارىخ دەرسى بەرمەكچى ئەمەسمەن، بىز تارىخ يارىتىمىز، ئۇنى كىمنىڭ يېزىشىغا، كىمنىڭ ئوقۇشىغا، ئۇنىڭدىن كىمنىڭ دەرس ئېلىشىغا ئارىلاشمايمىز. تۈركىيىنىڭ كۈچىيىشىگە چىدىمىغانلار تۈركىيىگە قارشى تېررورلۇقنى قوللاپ، ئەتراپتىكى قورچاق ھاكىمىيەتلەرنى تۈركىيىگە قارشى كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئەردۇغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: كۈچلەنگەن تۈركىيە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس پۇرسەتتۇر. كۈچلۈك بىر تۈركىيىدىن بىئارام بولغانلار قارشىسىدا قانداق بىر دۆلەت بارلىقىنى چۈشەنسۇن، قەدەملىرىنى ئۇنىڭغا قارىتا باسسۇن. بىز تۈركىيىدىن بىئارام بولغانلارغا قارشى، تېررورلۇققا قارشى ئارقىغا چېكىنمەستىن كۈرەش قىلغانغا ئوخشاش، تۈركىيىگە قارشى دۈشمەنلىك مەيداندا تۇرغان ئەتراپتىكىلەرگە قارشى ئازاپلىق ئوت بولۇپ يېنىپ كۆيدۈرۈشنى داۋام قىلىمىز.
ئەردۇغاننىڭ ئايروپىلانى ئەمەس تۈركىيىنىڭ ئايروپىلانى
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغان، تۈركىيىدىكى بىر قىسىم ئوبزورچىلارنىڭ ئەردۇغاننىڭ سۈرىيىگە قارشى بەرگەن باياناتلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا دېڭىز ساھەسىدە ئەردۇغاننىڭ ياكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەمەس، بەلكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايروپىلانى ھۇجۇم نىشانغا ئۇچرىدى. مېنى ناھەق تەنقىدلىگەنلەر تارىخ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ.
تۈركىيە سۈرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا
ئەردۇغان سۆزىدە يەنە تۈركىيىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىگە سۈكۈتتە قالىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە خەلقى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار بۇ قولى قان بىلەن بويالغان دىكتاتور گۇرۇھىدىن قۇتۇلغانغىچە تۈرك خەلقى كېرەكلىك بولغان ھەر تۈرلۈك ياردەمنى بېرىدۇ، بۇ يەردىن يەنە بىر قېتىم سۈرىيە خەلقىگە چىن يۈرەكتىن سالام يوللايمەن، ئۇلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىدە، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيمەن.
تۈركىيە سۈرىيە چېگرىسىغا ئەسكەر ئەۋەتتى
سۈرىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش داۋام قىلماقتا. تۈركىيە دىياربەكىر شەھىرىدىن سۈرىيە چېگرىسىغا كۆپ ساندا ئەسكەر ماشىنىسى ۋە ئېغىر تىپتىكى تانكا يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە«ئاھابەر ت ۋ» تېلېۋىزىيىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 15 چوڭ ماشىنىدا تانكا، ئۇزۇن مۇساپىلىق توپ - زەمبىرەك، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ھەربىي ماشىنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپ تۈركىيە قوسۇھۇنى ماردىن شەھىرىدىن سۈرىيە چېگرىسىغا قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سۈركۈلۈشى بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيە چېگرىسىغا يېقىن ئەتراپتا مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ناتو سۈرىيىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار جىددى يىغىن ئېچىلدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ باش كاتىپى راسمۇسسېن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ ناتوغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى تۈركىيىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن يىغىن چاقىرغانلىقىنى ۋە ناتونىڭ كېلىشىمىنىڭ 4 - ماددىسىدا، ناتو تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە ياكى بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان تەقدىردە پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ باش كاتىپى راسموسسېسى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ۋەقەنىڭ سۈرىيىدىكى رېجىمنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا، قانۇنىغا، ۋە ئىنسانىيەتكە قارىتا ھۆرمەتسىزلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: بىز ئىتتىپاقداشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ۋەقەنى چوڭ بىر ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ ۋەقەنى ناتو تەشكىلاتى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋام قىلىمىز، بۇ ۋەقەنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمىز.
«ساباھ» گېزىتىنىڭ 26 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جىھات مەقدەسى، ئەرەب ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئالاقىدار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى خەلقئارا دېڭىز ساھەسىدە ئەمەس، سۈرىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، ئايروپىلاننى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئەمەس، ئايروپىلان ئاتىدىغان ئادەتتىكى قورال بىلەن ئوق ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بۇ قورالنىڭ ئوق ئېتىش مۇساپىسىنىڭ 2 - 3 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىگە قانچىلىك يېقىنلاپ كىرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان.
خەلقئارا دېڭىز ساھەسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئېنىق
باش مىنىستىر ئەردۇغان تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ خەلقئارا دېڭىز ساھەسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلانىمىز خەلقئارالىق ھاۋا ساھەسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق ۋە بۇ ۋەقە بىزنىڭ تەرەپتىن ھۆججەتلىك ئەنگە ئېلىندى. ئۇ ئايروپىلانىمىز سىناق ۋەزىپىسىنى، قورالسىز ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش سىستېمىسى ئوچۇق ھالدا ئۇچۇۋاتقاندا، خاتالىق سەۋەبىدىن قىسقا مۇددەتلىك سۈرىيە ھاۋا ساھەسىگە كىرگەن، بۇ خاتالىقنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سۈرىيە ھاۋا ساھەسىدىن چىقىپ كەتكەن، دۇنيانىڭ ھەر قانداق دۆلىتىدە قىسقا مۇددەتلىك باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ساھەسىگە كىرىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە، 1 - ئايدىن بۇيان ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە ھاۋا ساھەسىدە 114 قېتىم قانۇنسىز ئۇچتى. 5 قېتىم سۈرىيە تىك ئۇچارلىرى خىلاپلىق قىلدى. بۇلارغا ۋاقتىدا كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەك بولىدۇ. بىزنىڭ ئايروپىلانىمىز خاتالىق سەۋەبىدىن ئەمەس قەستەن ھالدا دۈشمەنلىك بىلەن ھۇجۇم نىشانغا ئېلىندى.
0:00 / 0:00