ئەردوغاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىنكاسلار

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغان 2012-يىلى 12-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان.

0:00 / 0:00

زىيارەت جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن سۈرىيە كرىزىسى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە 14-ئاپرېل (شەنبە) ئەتىگەن تۈركىيىگە قايتقان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، ئەردوغاننىڭ نۆۋەتتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي زىيارەت، دەپ تەرىپلىگەن ۋە بۇ زىيارەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش، ھەممىدىن ئاۋۋال سۈرىيىدە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان ئوكاز گېزىتى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ 14-ئاپرېل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئايرىلىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەردوغان باياناتىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە سۈرىيىدىكى چارىسىز خەلقنى ئەسەد قەتلىئامىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەب بىلەن بۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى زىيارەتنىڭ تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لوندوندا چىقىدىغان ئەل ھايات گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 16-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، «ئەردوغان بىلەن پادىشاھ ئابدۇللانىڭ تىرىشچانلىقى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەردوغان بىلەن ئابدۇللانىڭ سۆھبىتى سۈرىيە مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار سۈرىيىدىن قوشنا دۆلەتلەرگە پاناھ ئىزدەپ كۆچۈش قىلغان سۈرىيىلىكلەرگە ياردەم قىلىش، سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە ھەققىدە چىقارغان قارارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشكەن. تۈركىيىنىڭ زامان گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئەردوغان بىلەن پادىشاھ ئابدۇللا ئىراننىڭ ئاتوم كرىزىسى ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەن.»

ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئىستراتېگىيىلىك زىيارەت

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەردوغان مۇندىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بىر قانچە قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەقىقەتەن جىددىي ۋە ئىستراتېگىيە زىيارەت ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرىمۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلگەنلىكتىن، بۇ قېتىم ئەردوغاننى ئالاھىدە چوڭ ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى. پادىشاھ ئابدۇللا ئەردوغاندىن قاتتىق مەمنۇن بولغانلىقىنى سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندىن تاشقىرى، ئۇنى رىياد شەھىرىدىكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى ۋە گۈزەل باغچىلارنى ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى ۋە ئىككى رەھبەر ناھايىتى ئۇزۇن-ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرەپتىن بىردەك سۆيۈلگەن بىر كاتتا شەخسىيەت. قىسقىسى، ئەردوغاننىڭ نۆۋەتتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئىستراتېگىيە بىر زىيارەت بولدى.»