0:00 / 0:00
بۇ زىياپەتكە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاندىن باشقا، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك، ئالىي رەھبەرلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.
ئىستانبۇل ئوق مەيدانىدىكى گرانت جەۋاھىر مېھمانخانىسىدا بېرىلىدىغان بۇ زىياپەتكە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تەكلىپ قىلىنغان.
بىز بۇ زىياپەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ زىياپەتكە قاتنىشىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.