ئەردۇغان: 'ئۇيغۇرلار خوشاللىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى كېرەك'

تۈركىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي سودا مىنىستىرى چىن دېمىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ۋە دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلىيان قاتارلىق مىنىستىرلار بىلەن ئۇچراشتى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە چىقىدىغان رادىكال گېزىتىنىڭ 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان خىتاي سودا مىنىسىتىرى چىن دېمىڭنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا، خىتاي ۋە تۈركلەرنىڭ ئىككى ئايرىم مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردۇغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئۇرۇق ‏- توغقانلىرى بارلىقىنى شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياششىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە دوستلۇق كۆۋرۈكى رولىنى ئوينىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭ باش مىنىستىر ئەردۇغانغا، 2003 ‏- يىلدىن بىرى خىتاي ‏- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى دوستلۇق كۆۋرۇكى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ت

ۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلىيان، خىتاي سودا مىنستىرى چېن دېمىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئۇچراشتىOpens in new window ]

.

زامان گېزىتىنىڭ 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلىيان، چېن دېمىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ‏- تىجارەتتە يېڭى كېلىشىملەر تۆزۆلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى، ئاپتوموبىل شېركىتى قۇرۇش، نېفىت، زەيتۇن يېغى ۋە توقۇمچىلىق ئەشيالىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. چاغلىيان يەنە تارىخىي يىپەك يولىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ‏- تىجارەتتە ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك پۇللىرىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ قوبۇل قىلمىغان، ئەمما خىتاي سودا مىنىستىرى، تۈركىيىدە خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ شۆبىسىنى ئېچىشنى ۋە ئىستانبۇل بوغىزىدىكى 3 ‏- چوڭ كۆۋرۈكنى ياساش ئىش پىلانىنى ئۆزلىرىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىنىستىر چاغلىيان بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چاغلىيان يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتقان. شۇنداقلا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا يولى قاتنىشىنى كۆپەيتىشنى يەنى تۈركىيىدىن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە ھەپتىدە 14 قېتىم ئايروپىلان قاتنىشىنى تەلەپ قىلغان.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خىتاي سودا مىنىسىتىرى چېڭ دېمىڭ، مۇخبىرنىڭ تۈركىيىدىن فىندىق مېغىزى ئېلىش ‏- ئالماسلىق ھەققىدە سورىغان سوئالىغا، " گېزىتتە يېزىلىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى 10 تال فىندىق مېغىزى يىيىشى كېرەك ئىكەن، خىتايدا 1 مىلياد 300 مىليون ئىنسان بار. بۇنچىۋالا كۆپ كىشى فىندىق مېغىزى يىيىشكە باشلىسا تۈركىيىنىڭ فىندىكى يېتىشمەيدۇ،" دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيىگە 2 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاران 60 مىڭ ساياھەتچى كەلگەن ئىدى. 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقى خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. باش مىنىستىرى ئەردۇغان، ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنى ۋەھشىيلىك ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ باھا بەرگەن ئىدى ۋە خىتاينى بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.