ئۇيغۇرلار، بۇ يۇرتنى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك باش مىنىستىر ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەيئەتنى خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن تۇغقانلىرىنى تېپىۋالغاندەك كۈتۈۋالغان. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، قول ئېلىشىش ئۈچۈن سەپكە تىزىلغان. كۆرۈشەلمىگەنلەر ھەتتا كۆز يېشى قىلىشقان ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەكلىرىنىمۇ لەرزىگە سالدى. ئۇنداقتا، بۇنىڭغا خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنكاسى نېمە بولدى، خىتاي تور ئابونتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك رەھبەرلەرگە كۆرسەتكەن ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە بارغان تۈرك مۇخبىرلارنىڭ ئاپپاراتلىرى بۇ زىيارەتكە ئائىت نۇرغۇن تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنى بۇ تارىخى مىنۇتلارغا شاھىت بولۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلدى. مانا بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە مىڭ ياكى ئون مىڭ دانە سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. مەسچىت ئالدىغا رەت-رەت تىزىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەردوغان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكەن رەسىملىرى، مەسچىت ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن كۆز ياشلىرى ئىچىدە يۈز يېقىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى پارچە كۆرۈنۈش بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك رەسىمىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىككى پارچە سۈرەت بىر قىسىم خىتاي مۇنازىرە بەتلىرىگىمۇ قويۇلغان بولۇپ، مەخسۇس بۇ رەسىم ھەققىدە ئېچىلغان مۇنازىرە تېمىسىدا خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى بەس-بەس بىلەن رەسىم ھەققىدە مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتكەن. فېيياڭ ھەربىي ئىشلار تور بېكىتىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىدىكى ئابونتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك رەھبەرلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالغان بۇ كۆرۈنۈشلىرىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلارنى قايتۇرغان:
-بۇ ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى شۇنچە ياخشى كۆرسە، ھەممىسى تۈركىيىگە كۆچۈپ كەتسۇن، ئاندىن ياخشى يەرلەر بىزگە قالىدۇ.
-مانا بۇ بىزگە «باشقا مىللەتنىڭ يۈرىكىمۇ باشقا» دېگەننى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كونىلار ھەجەپمۇ توغرا گەپ قىلغان ئىكەن. قاراڭلار ئۇ رەسىمدىكى قېرى ئوغرىنىڭ خۇددى ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ كەتكەندەك تۇرۇپ كەتكىنىنى. خۇددى بىر ئادەم ئۇنى بوزەك قىلىۋاتقاندەك. بىز خىتايلار ئەزەلدىن باشقا مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلىپ باقمىغان. مەن شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مېنىڭچە ئىسلام رادىكاللىقى ۋە مىللەتچىلىك بۈگۈنكى ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى يوقاتمىغۇچە، مۇقىملىق بولمايدۇ.
ئۆزىگە زدتد12 دەپ تەخەللۇس قويغان تور ئابونتى يۇقىرىدىكى ئابونتنىڭ پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ ئىنكاس قايتۇرغان:
-شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى يولى بار. بىرى، ئۇلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، بالا ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئىسلام تەربىيىسىنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇلارنى خىتاي ئىقتىسادى چەمبىرىكىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىش. ئىككىنچىسى، ئۇلارنىڭ قېنىنى بۇلغاش كېرەك. ئۇلارنى باشقا مىللەتلەر بىلەن نىكاھ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئىشلارغا ۋاقىت ۋە ئەقىل كېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسلۇبنى قوللانمىغان تەقدىردە، شىنجاڭ مەسىلىسى ئاخىرى بېرىپ خىتايغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
يەنە بىر تورداش بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ياق، ئىسلام دىنىدىكىلەر بىلەن توي قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا ئۇلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ جىقلىتىۋەتمەمدۇق؟» دېسە، يەنە بىر ۋھي-توگەتھەر تەخەللۇسلۇق تورداش مۇنداق دەيدۇ:
-بۇ رەسىمگە بۇنچىۋالا سەزگۈر بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن. ئۇ ناھايىتى بىر تۈركىيەغۇ. يا ئۇ ئامېرىكا بولمىسا. ھازىر خىتاي دېگەنمۇ بىر چوڭ دۆلەت بولۇپ كەتتى. ئەگەر ئۇيغۇرلار تۈركلەرگە ئۇنداق ئامراق بولسا، تۈركىيىنىمۇ ئۆزىمىزگە قوشۇۋالساق بولمىدىمۇ؟ خىتاي دېگەن ئامېرىكىدەك كۈچلۈك بولمىغان بىلەن، تۈركىيىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك. كەچكىچە ئېھتىياتچان بولۇۋەرمەي، بىر ئىشلارنى كەڭرەك ئويلايلى.
سېڭدى سەنخۇ ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسى تۆۋەندىكىچە:
مەن يەنىلا تارىختىكى جەڭ يېشىغا توشقان ئەرلەرنى قەرەللىك ھالدا قىرىۋېتىش ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ، ھازىرقى بۇ مەسىلىگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.
بىر تورداش بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ:
ھازىر بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ مىللەتنى شالغۇتلاشتۇرۇۋېتىش كېرەك. رايوندىكى خىتايلارنىڭ نىسبىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش كېرەك.
-ئۇلارنى قاچان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ بولغىلى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق باشقا مىللەت، باشقا دىنلىقلارنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئۇرۇش يېشىغا يەتكەن ئەرلەرنى يوقىتىش.
يەنە بىر تورداش بۇنىڭغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇرغان:
-ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مىللەت يوق. مەنچىڭ خانىدانلىقى تارىختا غەربىي رايونلاردىكى ھەرخىل ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان. ئەسلىدە بۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى. دۆلىتىمىز بۇنى قايتا ئويلىشىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئىسىم بېرىشى كېرەك.
يەنە بەزى خىتاي تورداشلىرى ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلسا، تۈركىيىدىكى كۇردلارغىمۇ خىتاينىڭ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەتتا بەزىلىرى ئىرانغا ياردەم بېرىپ، تۈركىيىنى ئۇرايلى، دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.
يەنە بىر تورداش ئەسكەرتىپ: «بىر ئۇيغۇر بىر تۈرك رەھبەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ قويسىلا، بۇنى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالدى، دېيىشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر بۇ كىشىلەر خىتايدا ئوقۇپ تۇرۇپ، خاتا تارىخىي چۈشەنچە بىلەن چوڭ بولغان بولسا بۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئىقتىدارسىزلىقىمۇ ياكى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئەخمەقلىقىمۇ؟
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىگە خىتاي ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگىلىرىنى يۇقىرىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتۇق. بۇ مۇنازىرىلەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى بارلىق تورداشلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر بالايىئاپەت دەپ قاراپ، ئۇنى پەقەت يوقىتىش ياكى مىللەتنى يوقىتىش، ئۇنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن. يەنە بىر ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە ھۆكۈمەت ئىجرالىرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بايان قىلغان كىشىلەرمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا بولسا، خىتاي تور بەتلىرىدىكى يۇقىرىدىكى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە تىلغا ئېلىنغان ئىنكاسلارنىڭ بولسا ھەپتىلەر بويىچە تاقالماي، ئۆز پېتى تۇرماقتا.