ئەرەب باھارى تۈگەپ قالدىمۇ؟

ئەرەب دۇنياسىدا چىققان نامايىشلارغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ نامايىشلار داۋام قىلماقتا ۋە نەتىجىسى ھەر خىل بولماقتا.

0:00 / 0:00

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەرەب باھارىنىڭ بىرىنچى ئادرېسى بولغان تۇنىس بىلەن مىسىردا نامايىش تولۇق غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈش ئالدىدا جىددىي ھەرىكەتلەر بولۇۋاتقان بۇ پەيتتە، لىۋىيىدە پارچىلىنىش خەۋپى، سۈرىيىدە نامايىشلارنىڭ نەتىجىسىز قېلىش خەۋپى كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 1-ماي كۈنىدىكى سانىدا، ئەرەب يازغۇچىسى خالىد ئەل قىشتىنى تەرىپىدىن «ئەرەب باھارى تۈگىدىمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەرەب باھارىغا 15 ئاي بولدى. بۇ ئارىدا كۆپ ئىشلار ئۆزگەردى، مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ھەتتا مەڭگۈ تەختتىن چۈشمەيمىز، دەپ ئويلاپ خاتىرجەم ئولتۇرغان ۋە تەخت ۋارىسلىقىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۆتكەشنىڭ خىيالىدا بولغان ھۆكۈمدارلارمۇ بىردىن تەختتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالدى. چۈنكى، قۇرئان كەرىمىدە ‹كۈنلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز› دېگەن ئايەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ھاكىمىيەتمۇ ئالمىشىپ تۇرىدۇ. خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ نامايىش ئەسناسىدا تۆكۈلگەن قانلارنىڭ بەدىلىگە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشلارمۇ بولدى. ئەمما ئېچىنىشقا تېگىشلىك ۋەقەلەرمۇ بولدى. مەسىلەن: سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولماقتا. سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر ئەمدى يولنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ قالغاندا، ئارقىغا قايتالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى چوقۇم غەلىبە قىلىشى كېرەك. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى يېرىم يولدا قالسا، سۈرىيىنىڭ ھەممە يېرى قەبرىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھازىر دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى سۈرىيىدە بولماقتا. سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ غەلىبىلىرى ئاشقانسېرى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى ئاشماقتا.»

ئەرەب باھارى ئۆلمىدى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەرەب دۇنياسىدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ۋە ئوخشاش بولمىغان ھەجىمدە بولۇپ ئۆتتى ۋە بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر سايىسىدە ھەر خىل خاراكتېرگە ئىگە جامائەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولدى. ئۇلارنىڭ چىققانلىقىنىمۇ دېموكراتىيىنىڭ ئاۋۋالقى مېۋىلىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، دىكتاتورىلىق زامانىدا ئەرەبلەرنىڭ بۇنچىلىك ئاۋازى چىقمىغان ئىدى. ئەرەب دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ بارماقتا. سۈرىيىدە دىكتاتورىلىق تۈزۈمىگە قارشى ھەرىكەت داۋام قىلماقتا. بۇ ئەھۋالدا، ھېچكىم ئەرەب باھارىنى تۈگىدى دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، ئەمەلىيەتتىمۇ ئەرەب باھارى تۈگىگىنى يوق. بەلكى ئۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنى كەسكىن ئېيتالايمىزكى، ئەرەب باھارى داۋام قىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى شەكلىدە داۋام قىلمىسىمۇ شەكلىنى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ داۋام قىلىدۇ.»