بېزىلەر سايلامدا ئۇتالمىغان ساركۇزىنى، فرانسىيە تارىخىدا ئىككىنچى قېتىم سايلىنالمىغان تۇنجى پرېزىدېنت، دەپ تەرىپلىسە، بېزىلەر ئۇنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن كېيىنكى نۇتقىنى ماختىماقتا.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 8-ماي سانىدا، يازغۇچى ئېلى ئىبراھىم قەلىمى بىلەن «ئەرەب باھارىچىلار فرانسىيىدىن ئىبرەت ئالسۇن!» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى فرانسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئەمما سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن، ساركۇزى بىلەن ھوللاندېدىن ئىبارەت ئىككى رىقابەتچىنىڭ نۇتۇقلىرى ھەقىقەتەن تەسىرلىك ۋە ئۈلگىلىك نۇتۇق بولدى. ساركۇزى نۆۋەتتىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقالمىغانلىقىدىكى خاتالىقنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ‹بۇ سايلامدا ئۇتالمىغانلىقىم مېنىڭ خاتالىقىمدۇر. ھوللاندېنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقى دېموكراتىيىنىڭ ئىختىيار قىلغىنىدۇر. بىز بىرلىشىپ فرانسىيە ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم› دېدى ۋە قارشى تەرەپنى سۆكمىدى ياكى ئۇنىڭدىن ئاغرىنمىدى. بەلكى ئۇنىڭغا ئۇتۇق تىلىدى. سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ھوللاندېمۇ ساركۇزىغا ھۆرمەت بىلدۈردى. گويا ئۇلار رىقابەتچىلەر ئەمەس، بەلكى قەدىناس دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىشتى. بۇ ئەھۋال ياۋروپا دېموكراتىيىسى ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. ئەمما بىز ئەرەبلەر ئۈچۈن غەلىتە سانىلىدۇ.»
ئەرەب باھارىچىلار قانداق بولۇشى كېرەك؟
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«فرانسىيىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ساركۇزى بىلەن ھوللاندېنىڭ ئالغان بىلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق. پەقەت ئازراق پەرق بىلەن ھوللاندې ئۇتۇپ چىقتى. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ساركۇزى ياكى ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنى خالىمىدى ياكى قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلمىدى. بەلكى ھەممىسى بىرلىشىپ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بېرىشتى. ئەمما ياۋروپا دېموكراتىيىسى بۇ سەۋىيىگە ئوڭايلا يېتىپ قالغان ئەمەس. بەلكى كۆپلىگەن توسالغۇلارنى يېڭىپ، نەچچە ئون يىللارنى سەرپ قىلىپ ئاندىن بۇ سەۋىيىگە يەتتى. ئەرەب جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە فرانسىيىدىكى سايلامدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەڭ يېقىن دۆلەت مىسىردۇر. چۈنكى، مىسىردا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خۇددى فرانسىيىدىكىگە ئوخشاش رەئىسلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. قېنى، نەتىجە قانداق بولۇشىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەر بەلگىلەيدۇ. مىسىردىكى رىقابەتچىلەر ساركۇزى بىلەن ھوللاندېغا ئوخشاش كەڭ قورساق بولالامدۇ ياكى بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلامدۇ؟ قازانغان تەرەپ بىلەن يېڭىلگەن تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ھەممە تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.»