«ئەرەب باھارى» دا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان 5 كىشىگە ساخاروۋ مۇكاپاتى بېرىلدى

بۇ يىلنىڭ بېشىدا باشلانغان ئەرەب باھارى ئۆتكەن ھەپتە 3-چوڭ دىكتاتورنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرگە زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.10.28
tunis-namayish-305.jpg تۇنىستا نامايىشچىلار لىۋىيە كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 21-فېۋرال.
AFP

مانا بۇ مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىللىق ساخاروۋ مۇكاپاتىنى «ئەرەب باھارى» دا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان بەش كىشىگە لايىق كۆردى. ئۇنداقتا بۇ بەش كىشى كىملەر، ئۇلار ئەرەب باھارىدا نېمىلەرنى قىلغان ۋە قانداق رول ئوينىغان؟

ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنىسلىق مۇھەممەد بۇئەزىزى، بىر ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويىدۇ. بۇ ھەرىكەت بۈگۈنكى ئەرەب باھارىنىڭ قوزغىلىشىغا تۇنجى سەۋەب بولىدۇ. مۇھەممەد بۇ ئەزىز ئارىدىن 3 ھەپتە ئۆتكەندە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. تۇنىس ھۆكۈمىتى گەرچە، مۇھەممەد ئەزىزىگە زوراۋانلىق قىلغان بازار باشقۇرۇش خادىمىنى قولغا ئېلىپ جازالىغان بولسىمۇ، تۇنىس خەلقى ۋەقەنى بۇنداق ئاددىيلا ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. تۇنىسلىقلار، مۇھەممەد بۇئەزىزىنى تىجارەت قىلىۋاتقان ئورنىدا بىر شاپىلاق ئۇرغان بازار باشقۇرۇش خادىمى بىلەن، بۇنىڭغا ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇھەممەد بۇئەزىزى ئارىسىدىكى ۋەقەنى تۇنىس ھۆكۈمىتى بىلەن تۇنىس خەلقى ئارىسىدىكى ۋەقە دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە تۇنىسلىقلار قوزغىلىدۇ ۋە دىكتاتور زەينەل بىنئەلىنى تەختتىن يىقىتىدۇ. بۇ يىللىق ساخاروۋ مۇكاپاتى، ئەرەب باھارىنىڭ مانا بۇ تۇنجى قۇربانى مۇھەممەد بۇ ئەزىزگە بېرىلدى.

مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن يەنە بىر شەخس، ئەسما مەھفۇز. ئەسلىدە قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان ئەسما خانىم، تۇنىستىكى ھەرىكەتتىن ئىلھاملىنىپ، دوستلىرىنى مىسىر دىكتاتورى مۇبارەككە قارشى كۈرەشكە چاقىرىدۇ. ئۇ يۇتۇب، فېيىسبوك ۋە تۋىتتېر قاتارلىق تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مىسىر خەلقىگە خىتاب قىلىدۇ. ئۇ يۇتۇبتىكى تۇنجى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: مەن 25-يانۋار «تەھرىر(ئەركىنلىك) مەيدانىغا ئاتلىنىمەن»، «ۋەتىنىنى سۆيگەنلەر»، «ئاز-تولا ۋىجدانى بولغانلار ماڭا ئەگىشىڭلار»، «تۇنىسلىقلار قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز!» ئەسما مەھفۇزنىڭ بۇ چاقىرىقى 10مىڭلارچە مىسىرلىقنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرىدۇ. ئۇ نامايىشنىڭ دەسلىپىدە تۇتقۇن قىلىنىدۇ، نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىمى بىلەن قويۇۋېتىلىدۇ. ئەسما مەھفۇزنىڭ تور ۋە مەيداندىكى خىتابلىرى تا دىكتاتور مۇبارەك تەختتىن ئايرىلغانغا قەدەر توختىمايدۇ.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لىۋىيىلىك ئەھمەد ئەلزۇبەير ئەھمەد ئەلسانۇسى. ئۇ، 1970-يىلى يەنى كاززافىي تەختكە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن، كاززافىينى تەختتىن يىقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىغان. بىراق ھەرىكەت مەغلۇپ بولۇپ، ئۇ قولغا ئېلىنغان. كاززافىي ئۇنى دەسلەپتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان، ئارقىدىن جازانى مۇددەتسىزگە ئۆزگەرتكەن. ئۇ كازافىي رېجىمىدا 31 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، 2001-يىلى قويۇۋېتىلگەن. مىسىردىكى نامايىش لىۋىيىگە تۇتاشقاندا، ئەخمىدى ئەلشۇناسى ئۆكتىچىلەرگە قېتىلغان ۋە لىۋىيە ئۆتكۈنچى مەجلىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سۈرىيىلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رازان زەيتۇنە خانىم. ئۇ سۈرىيىدە نامايىش باشلانغاندىن بۇيان، ئۆز شەخسىي تور بېتى ئارقىلىق نامايىشنىڭ جەريانىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. بەشېر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قارا-قويۇق تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا دۇنياغا ئاشكارىلىغان. بۇ بۇ ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەتئەل جاسۇسى دەپ ئەيىبلەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ مۆكۈنۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان؛ يولدىشى ۋە بىر قېرىندىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەشىنچى كىشى، يەنە سۈرىيىلىك ھەجۋىي رەسىمچى ئېلى فارزات. ئۇ سۈرىيىدىكى نامايىش داۋامىدا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە بەشېر ئەسەدنى تەنقىدلەپ كۆپلىگەن ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىپ ئېلان قىلغان. ھاكىمىيەتنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان بۇ رەسىملەر نامايىشنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشى ۋە داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولغان. نەتىجىدە سۈرىيە ساقچىلىرى ئېلى فەرزاتنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنى قىيىن قىستاققا ئالغان ۋە رەسىم سىزماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

ساخاروۋ مۇكاپاتى 1988-يىلى تەسىس قىلىنغان. مۇكاپاتقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىدا رول ئوينىغان مەشھۇر ئۆكتىچىلەردىن ئاندرىي ساخاروۋنىڭ نامى بېرىلگەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى 14-دېكابىر كۈنى فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى ستراسبروگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەر بىر مۇكاپاتلانغۇچىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 50 مىڭ ياۋرو.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.