ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي يىغىنى

سۈرىيە ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنى قىرىشتا تېخىمۇ بىر پەللە ئىلگىرىلەپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

مۇندىن ئىلگىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىنى خەلقنى قىرىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئاخىرىدا سۈرىيىگە جازا قوللانغان ئىدى. ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيىگە جازا قوللىنىشى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى پەيلىدىن ياندۇرالمىدى. يەنە ئوخشاشلا خەلقنى قىرىشقا داۋام قىلدى. بۇ سەۋەبتىن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋقەسىگە قارشى چارە قوللىنىش ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرىيىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش مەسىلىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن چوڭ يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى13-دېكابىر سانىدا «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ چاقىرىلماقچى بولغان جىددىي يىغىنى ۋە سۈرىيىنىڭ ئىنكاسى» دېگەن تېمىدا مىسىرلىق سالاھ جۈمە تەرىپىدىن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتار دۆلىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئالدىمىزدىكى شەنبە 17-دېكابىر كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى مەركىزىدە جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى. يىغىننىڭ بىرىنچى مەقسىتى سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش بولسا، ئىككىنچى مەقسىتى سۈرىيىگە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش مەسىلىنى ۋە سۈرىيىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قويغان شەرتلىرىنى سۆزلىشىشتۇر. ئەسلىدە سۈرىيە ھاكىمىيىتى سۈرىيىگە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بېرىشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بەزى شەرتلەرنى قويغان. مۇندىن ئىلگىرى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەلىپىگە قۇلاق سالمىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى كۈنلەردە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەلىد مۇئەللىمنىڭ تىلى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بەزى شەرتلەرنى قويغان. نۆۋەتتىكى جىددىي يىغىندا سۈرىيىنىڭ بۇ شەرتلىرى تارتىشىلىدىغانلىقى ئېنىق.»

سۈرىيە مەسىلىسى ئاسان ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تەھلىلچىلەرگە كۆرە، نۆۋەتتىكى سۈرىيە كرىزىسىنى ئوڭلاش ئانچە ئاسان ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن بىلەن، سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كرىزىسنى ھەل قىلىشقا يېقىنلاشماسلىقى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ماسلاشماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىيىدىكى نامايىشچى خەلق ئىچىدىكى بۆلۈنۈشلەر، ھەتتا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر ۋە بىر-بىرىگە قارشى پىكىرلەر، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاپ تۇرۇۋېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر سۈرىيە مەسىلىسىنى ئارقىغا سوزۇۋەتكەن. شۇ سەۋەبتىن نامايىش چىققان9 ئايدىن بىرى سۈرىيە ۋەزىيىتىدە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىش ياكى سۈرىيىدىكى نامايىشچىلارنىڭ قولى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى بولماقتا. بۇ پىكىرنى ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بىردەك قوللايدۇ. ئاخىرىدا ھەممە بۇ پىكىرگە كېلىدىغانلىقى ئېنىقتەك كۆرۈنىدۇ.»