ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئومۇمىي نامايىشلارغا نەزەر

ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلار بارغانسېرى ئەۋجگە چىقماقتا. خۇسۇسەن جۈمە كۈنلۈكتىكى نامايىشلار ئالاھىدە روھلۇق ۋە چوڭ ھەجىملىك بولۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار ھەر بىر جۈمەنى مەخسۇس ئىسىم بىلەن ئاتاپ كەلگەن بولۇپ، 2011-يىلى 3-ئىيۇن كۈنىدىكى جۈمەنى يەمەن ۋە سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار «يېڭى جۈمە نامايىشى» دەپ ئاتىدى.

سۈرىيىدە قان تۆكۈلۈش داۋام قىلماقتا

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 3-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيىنىڭ دەرئا ۋە قامىشلى شەھەرلىرىدىكى نامايىش ئالاھىدە چوڭ كۆلەملىك بولۇپ، نامايىشچىلار بەششار ئەل ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەرەبچە ۋە كۇردچە شوئارلارنى ياڭراتقان ھالدا شەھەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، كوچىلارغا پېتىشماي يۈرۈشكەن. سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلار سانى ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە 50 دىن ئاشقان، يارىدارلارنىڭ سانى يۈزلەرچە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

يەمەن ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە

يەمەن ساقچىلىرى ۋە يەمەن رەئىسىنى قوللايدىغان ھەربىي پىرقىلىرى نامايىشچى خەلققە ئوق چىقىرىشنى ئاز دەپ، ئۇلارنىڭ جايلىرىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە راكېتالار بىلەن بومباردىمان قىلىشنى داۋام قىلدۇرماقتا. «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 3-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن رەسمىي ئىچكى ئۇرۇشقا كىرگەن.

يەمەنلىك نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن مۇھەممەد ئەھمەد 2011-يىلى 3-ئىيۇن جۈمە كۈنى يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىدىن «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «رەئىس ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ كۆڭلىدە ئازراق رەھىم-شەپقەتنىڭ ئىزناسى بولسا ئىدى، ئۆز خەلقىنى بۇنچىلىك قىرىپ تاشلىمىغان بولاتتى. ئۇ تۈگەشتى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى قەتئىي خالىمايمىز. بۈگۈندىن باشلاپ ئېلى ئابدۇللا سالىھ يەمەن خەلقىنىڭ رەئىسى ئەمەس، بەلكى قاتىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى 34 يىلدىن بىرى بىر ئۇچۇم قاتىللارنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ دەۋرى تۈگىدى. ئۇلاردىن خالاس بولماستىن، يەمەندە دېموكراتىيە ياكى ھۆرىيەت دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ.»

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يەمەندىكى ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇھلار تۆۋەندىكىدەك 5 تۈرگە بۆلۈنىدىكەن:
1. يەمەندىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار قاتلىمى.
2. سانئادىكى ئەھمەر قەبىلىسى ۋە مەرەب، ھەزرەمۇت قاتارلىق شەھەرلەردىكى قەبىلىلەر.
3. ئەللامە ئابدۇلمىجىت زەندانى باشچىلىقىدىكى دىنىي ئۆلىمالار قاتلىمى.
4. يەمەن ئارمىيىسىدىن يۈز ئۆرۈپ چىققان ھەربىي قوماندان ئېلى مۇھسىن ئەھمەر قوماندانلىقىدىكى ھەربىي قىسىملار.
5. يەمەن رەئىسى سالىھنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەھمەد قوماندانلىقىدىكى قوراللىق كۈچلەر.

لىۋىيە ۋەزىيىتى

لىۋىيىدە 4 ئايدىن بىرى كازافىيغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىنقىلابچىلار لىۋىيىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى قولىغا ئېلىپ بولغان بولسىمۇ، پايتەخت تارابلۇس شەھىرىنىڭ بابۇل ئەزىزىيە دېگەن يېرىگە تاقىلىپ تۇرۇپ قالماقتا. چۈنكى بابۇل ئەزىزىيە كازافىينىڭ قارارگاھى ئورۇنلاشقان رايون بولۇپ، قاتتىق ئىستىھكام ئىچىگە ئېلىنغانلىقتىن، كازافىي بۇ رايوننى جېنى بىلەن قوغداپ كەلمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كازافىي ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان. ئەمما ئۇنىڭ يانداشلىرى قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن. ھازىر خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى كازافىينىڭ لىۋىيىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا ۋە لىۋىيىلىك ئىنقىلابچىلار بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى قۇرۇشقا ئالدىرىماقتا ئىكەن.

سۇداندا ئىچكى ئۇرۇش قايتىدىن باش كۆتۈرمەكتە

سۇدانلىقلار جەنۇبلۇقلار ۋە شىماللىقلار دەپ بۆلۈنۈپ ئىچكى ئۇرۇش باشلاتقىنىغا 25 يىل بولغاندىن كېيىن، 2005-يىلى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىلىپ، جەنۇبىي سۇدانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش مەسىلىسى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قويۇلغان ۋە 2010-يىلى جەنۇبلۇقلارنىڭ سۇدان جۇمھۇرىيىتىدىن مۇستەقىل بولۇپ ئايرىم دۆلەت بولۇشى خەلق رايىنى سىناش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. چۈنكى شىماللىقلار ھازىرقى سۇدان ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى مۇسۇلمانلارنى، جەنۇبلۇقلار خرىستىئانلارنى تەشكىل قىلىدۇ. جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، جەنۇبلۇقلار بىلەن شىماللىقلار ئوتتۇرىسىدا قالغان ئەبيى دېگەن ۋىلايەت بار بولۇپ، بۇ ۋىلايەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش رايونى بولۇپ قالغان ئىدى.

شىمالىي سۇدان ئارمىيىسى 2011-يىلى21-ماي كۈنى ئەبيى ۋىلايىتىگە باستۇرۇپ كىرىپ ۋىلايەتنىڭ ھاكىمىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىرىنى ھاكىم قىلىپ قويغان ۋە بۇ ۋىلايەتنى ئۆزلىرى سورايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇندىن بىرى بۇ ۋىلايەتتە شىمالىي سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن يەرلىك پارتىزانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش داۋام قىلغان ئىدى. «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، سۇداننىڭ ئەبيى ۋىلايىتىدە ئۆتكەن 12 كۈن ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.