ئەرەب دۇنياسى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەكمۇ ‏ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى كېرەكمۇ ؟

ئەلجەزىرە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى تىلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنى مەركەز قىلىپ غەرب دۇنياسىدا كۈندىن ‏- كۈنگە تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشى ۋە سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئەرەب كۆرەرمەنلىرىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇيىچە بىر مەيدان قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.

0:00 / 0:00

بۇ مۇنازىرىنىڭ نېگىزلىك تېمىسى ئېتىقادقا بولغان ساداقەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا خارلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئەرەب دۇنياسى ياردەم قىلىشى كېرەكمۇ ياكى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ۋە غەرب دۇنياسىغا بولغان ئۆچمەنلىكتە ئىزچىل تۈردە ئەرەب مىللىي مەنپەئەتىنىڭ دوستى بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە بولغان.

ئۇزاقتىن بىرى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى ئەرەبچە قانىلىنىڭ قىزغىن مۇشتىرى بولۇپ كېلىۋاتقان دىنىي زات قۇربانجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەردى.