سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 4-ئاپرېل كۈنىدىكى سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ جىددىي يىغىنىدا ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىپ، بۇ دۆلەتلەردە ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا ھەمىشە تەپرىقىچىلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقانلىقىنى ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا پىتنە قوزغىشىنى قاتتىق ئەيىبلەندى. شۇنداقلا ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بەھرەينگە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئورتاق قوغدىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان يوللۇق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.»
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا ئىبنى زايىد «ئەل ۋەتەن» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بەھرەينىگە ئەسكەر ئەۋەتىشى بەھرەين ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ۋە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىرتقى كۈچلەردىن ئۆزىنى قوغداش ھەققى بار. ئىراننىڭ بۇ ئىشنى ئەيىبلىشى يوللۇق ئەمەس. ئىران ئۆزى ياخشى ئۆتەيلى دەپ قويۇپ ئەرەب دۆلەتلىرىگە سۇيىقەست قىلىۋاتقان يەردە، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى بىرلىشىپ قوغدىشىمىزنى ئەيىبلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش. ئىراننىڭ بىر قىسىم جاسۇسلىرىنىڭ كۇۋەيتتە تۇتۇلغانلىقى ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارشى قانچىلىك سۇيىقەستلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئوچۇق دەلىلدۇر.»
كۇۋەيتتە ئىراننىڭ جاسۇسلىرى تۇتۇلغان
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ رېيتىر خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن ئالغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ رىياد شەھىرىدە چاقىرغان جىددىي يىغىنى ئىراننى ئەيىبلەش بىلەنلا توختىماستىن، بەلكى ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ۋە ئىراننىڭ بۇنداق ئارىلىشىشى خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنداقلا ئىراننى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان. كۇۋەيتتە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن ئۈچ كىشى جاسۇسلۇق بىلەن پاش بولغاندىن كېيىن، كۇۋەيت ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دىپلوماتىيە پاسپورتىنى ئېلىۋالغان ۋە ئۇلارنى ئىراندىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىگەن.
گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، كۇۋەيت ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىراننىڭ ئۈچ نەپەر جاسۇسىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئىرانلىق، بىرى كۇۋەيتلىك ئىكەن. ئۇلارغا كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىشى كۇۋەيت-ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەن ئىكەن.