بۇ تەشكىلات ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قوغداش، بىر-بىرىگە ئۆز-ئارا ۋىزىسىز كىرىپ چىقىش، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىن ئۆز-ئارا ئالاھىدە ھەمكارلىشىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ھايات»گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 16-ماي سانىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشنى ئەزالىققا تەكلىپ قىلغان.
ئىئوردانىيە ۋە ماراكەش پادىشاھلىقلىرى بۇ قارارنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ،«ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»گە ئەزا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى ئىچىدە، بۇ تەكلىپكە نىسبەتەن ھەرخىل گۇمانى قاراشلار ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن.
ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەش ھەيرانلىقتا
تەھلىلچىلەر «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»نىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنى ئەزالىققا تەكلىپ قىلىشى ئىراننىڭ تەھدىتى ئالدىدا تاقابىل تۇرۇشقا ھازىرلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە.
بۇندىن ئىلگىرى ئىئوردانىيە بۇ تەشكىلاتقا كىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىق ئېتىبارسىز قالغان ئىكەن. بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى ئىراق، مىسىر، يەمەن باشچىلىقىدا بىر قانچە ئەرەب دۆلىتى بىرلىشىپ«ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»نى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، مىسىر بىلەن ئىراق ھەر بىرى ئۆز-ئارا مەنسەپ تالىشىشى نەتىجىسىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىكەن.
گېزىتتە يېزىلىشىچە، ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشنىڭ «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»گە قوشۇلۇشىنى ئەڭ كۆپ تەكلىپ قىلغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە بۇ قوشۇلۇشقا ئەڭ سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان دۆلەت كۇۋەيت ئىكەن.
ئىككى دۆلەتنى قوشۇۋېلىشتىن مەقسەت نېمە؟
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 17-ماي سانىدا، دۇبەيدىن فەراج ئىسمائىل ئىسىملىك بىر يازغۇچى تەرىپىدىن «ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەشنىڭ ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى پايدىلىق سودىمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «جۇغراپىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىئوردانىيە بىلەن ماراكەش ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىن ئەمەس. شۇڭا بۇندىن ئىلگىرى بۇ ئىككى دۆلەت جۇغراپىيىلىك سەۋەب تۈپەيلى بۇ كېڭەشكە ئەزا بولالمىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ كېڭەشكە قوشۇلۇشى تەكلىپ قىلىنماقتا. سىياسىي تەھلىلچىلەر بۇ توغرىدا ھەر خىل قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما بىز بىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ھازىرغىچە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى ئۆز ئارىسىدىكى 6 دۆلەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ بارلىق قارار ۋە تەكلىپلىرىنى ئىجرا قىلىپ، كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يېتىپ كەلمەكتە. ھەتتا قۇرۇق قارار چىقىرىپ قويۇپ ئىجرا قىلىشتىن ئاجىزلىق قىلىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن ئىلگىرىلەپ كەتمەكتە. ئەمدى بۇ كېڭەش ئەزالىرىنى كۆپەيتىپ ئىراننىڭ تەھدىتى ئالدىدا كۈچلۈك بولۇشنى خالامدۇ ياكى ئەرەب دۆلەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۆزىگە قوشۇش ئارقىلىق كېڭىيىپ، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى دەسسەمدۇ؟ بۇ تەرىپى بىزگە نامەلۇم. ئەمما يېڭى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىدە چوڭ بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.»