ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 32-نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنى ۋە ئەرەبلەرنىڭ كۈتكەنلىرى

2011-يىلى 19-دېكابىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 32-نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا 30دىن كۆپرەك مىنىستىر ئىشتىراك قىلدى.

0:00 / 0:00

ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى 1971-يىلى 25-ماي كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇدابى شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات بولۇپ، قارارگاھى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدە بولۇپ كەلمەكتە.

ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەين، ئۇمان قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن تەركىب تاپقان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 20-دېكابىر سانىدا، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 32-نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مۇھەممەد قەشىرى دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «ئەرەبلەرنىڭ چوڭ يىغىندىن كۈتكەنلىرى» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە يېزىلغان: «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 32-نۆۋەتلىك چوڭ يىغىنى 19-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدە چاقىرىلدى. ئېچىلىش نۇتقىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا سۆزلىدى. بۇ يىغىن ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، 30 دىن كۆپرەك مىنىستىر ئىشتىراك قىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا قاتناش ئىشلىرىنى ۋە چېگرا رەسمىيەتلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا پۇل بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە سۈرىيە كرىزىسىنى ئارتۇق قان تۆكۈلمەستىن ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سەپتە تۇرۇش، ئىراننىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا بىرلىشىش قاتارلىق ماۋزۇلاردا سۆزلىشىشتىن ئىبارەت ئىكەن.»

ئەرەبلەرنىڭ كۈتكەنلىرى ئاز ئەمەس

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى 6 دۆلەتتىن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولسىمۇ، يەمەن، ئىئوردانىيە، ماراكەش، ئىراق ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئەزالىق تەلەپلىرىنى ئاللىبۇرۇن سۇنغان بولۇپ، ئۇلار ئەزا بولۇش يولىدا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەھمىيىتى زور ۋە شۆھرىتى چوڭ بولماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئەرەبلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ ۋە قارارلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى كرىزىسلارنى ھەل قىلالىغۇدەك مەھكەم بولۇشىنى كۈتىدۇ. سۈرىيىدە قان تۆكۈلۈۋاتقان، يەمەندە قالايمىقانچىلىق بېسىلمىغان، ئىراننىڭ تەھدىتلىرى كۈندىن‏- كۈنگە ئېشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بۇ تەشكىلاتنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلەش ۋە سۈرىيىگە جازا قوللىنىش ئىشلىرىدا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر سەپتە تۇرغانلىقى ماختاشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. بۇ يىغىننىڭ خەلقنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان قارارلارنى چىقىرىپ ئىجرا قىلىشىغا ھەممە ئۈمىدۋار بولماقتا.»