ئەرەب دۇنياسىدا تۈركىيىنىڭ پارلامېنت سايلىمى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

2011-يىلى 12-ئىيۇن كۈنى تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى يۈزدە 50 ئاۋاز بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە غەلىبە قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەرەب دۇنياسىنىڭ بۇ سايلام غەلىبىسىگە قارىتا ئىنكاسى ئىجابىي بولغان. چۈنكى ئەرەب دۇنياسىدا بولۇۋاتقان نامايىشلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى خەلق كۈرىشى بولغانلىقتىن، ئۇلار دېموكراتىيە غەلىبە قىلغان مەملىكەتلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلغۇسى كېلىدۇ. ئەرەب زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈركىيىدىكى دېموكراتىيىنى ياقىلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سايلامدا غەلىبىگە ئېرىشكەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رەجەب تاييىب ئەردوغان ئەرەب دۇنياسىدىكى دېموكراتىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ سۆيگۈسىگە ۋە ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر شەخسىيەت. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دادىل ھالدا مۇداپىئە قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىمۇ ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن ئىدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «مۇستەقبەل» گېزىتىدە تۈركىيىدىكى مەزكۇر سايلام نەتىجىسى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سايلامدا ئالاھىدە كۆپ ئاۋاز بىلەن ئۇتۇپ چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رەجەب تاييىب ئەردوغان 12-ئىيۇن كۈنى سايلام غەلىبىسىنى قۇتلۇقلاپ سۆزلىگەن نۇتقىدا، بۇ غەلىبە ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ غەلىبىسى بولغىنىدەك، بېيرۇت، دەمەشىق، قاھىرە، قۇدۇس، غەززە راماللا ۋە بوسنا-ھېرسىك شەھەرلىرىنىڭمۇ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ دەپ سۆزلىدى. بۇ نۇتۇق ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى دېموكراتىيىگە تەلپۈنۈۋاتقانلارغا ئۈمىد ھەم مەنىۋى كۈچ بېغىشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇنداق بىر خەلقچىل پارتىيىنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىنىڭ ئۆزىلا قوشنا دۆلەتلەرگە كەلگۈسى دېموكراتىيىدىن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. مۇندىن باشقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدە، ئىنسانپەرۋەرلىكىدە قوشنا دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن يىراقتىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە.»

تۈركىيىدىكى سايلام غەلىبىسى تۈركىيىنىڭ غەلىبىسىدۇر

مىسىردا چىقىدىغان «ئەل ئەخبار» گېزىتىنىڭ 13-ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا «تۈركىيىدىكى سايلام غەلىبىسى تۈركىيىنىڭ غەلىبىسىدۇر» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تۈركىيىدىكى بۇ سايلام غەلىبىسى ئەمەلىيەتتە تۈركىيىنىڭ غەلىبىسى ۋە خەلقنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ غەلىبە ئارقىلىق تۈركىيە ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە يولىدا قانچىلىك ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسەتكەن بولدى. 50 مىليون ئادەم ئاۋاز بەرگەن شۇنچىلىك چوڭ سايلامنىڭ ۋەقە چىقماستىن، ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىمۇ تۈرك خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك. دۇنيا خەلقى، خۇسۇسەن قوشنا دۆلەتلەر تۈركىيىنى كۆزەتمەكتە ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى ئۈلگىلەرنى ئالماقتا.»