بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەمەن، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلق ھەرىكەتلىرىمۇ بۈگۈن ئەۋجىگە چىقتى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئاندىرېس رامۇسسېن بۈگۈن ناتونىڭ لىۋىيىدە شەكىللەندۈرۈلگەن «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» نىڭ قوماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرچە ناتو باشقا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارمايدىغان بولۇپ، پەقەتلا «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلدۇرىدىكەن.
قارار تۈنۈگۈن كېچىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، ناتو يەنە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ خەلقنى قوغداش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى بۇ خىل ھەرىكەتلەردە بىرلا دۆلەتنىڭ سەپنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىشى ۋە ياكى سۆز ئىگىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. چۈنكى، ھەرىكەت باشلانغان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە ھەرىكىتىدە باش رول ئېلىشى بەزى دۆلەت ۋە كىشىلەرنى بىئارام قىلغان، يەنى لىۋىيىنىڭ ئىككىنچى ئىراق بولۇپ قالىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدىن چىقمايدىغانلىقىدەك بەزى ئەندىشىلەرمۇ پەيدا بولغان ئىدى. دەرۋەقە، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ناتونىڭ لىۋىيىدىكى مەۋجۇتلۇقى بۇ خىل ئەندىشىلەرنى يوقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكىتىگە باشتىن بېرى قىزغىن پوزىتسىيىدە بولماي كەلگەن تۈركىيە لىۋىيىدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» نى بەرپا قىلىش ۋە خەلق ئاممىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ناتونىڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈركىيىنىڭ تەلىپىمۇ ئورۇنلانغان بولۇپ، بۇنداق بىر شارائىتتا تۈركىيىنىڭ ئەگەر لىۋىيىدە ئۆزى توغرا كۆرمەيدىغان بىرەر ھەربىي ھەرىكەتلەرنى بايقىسا، ئاۋاز ھەققىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، رەت قىلىش ئىمكانى تۇغۇلىدىكەن.
قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆس ئۆزىدە يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭمۇ لىۋىيىدىكى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۇنىس، مىسىردىن باشلىغان خەلق ھەرىكەتلىرى ئەرەب ئەللىرىدە كۈنسايىن ئەۋجىگە چىقماقتا. جۈمە كۈنى يەمەن ۋە سۈرىيىلەردىمۇ ئون مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، نامايىش جەريانىدا نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلگەن. جۈمە كۈنى يەمەننىڭ پايتەختى سانادا ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر بىرلا ۋاقىتتا نامايىش قىلغان بولۇپ، ئون مىڭلارچە كىشى نامايىشقا قاتناشقان. ئۆكتىچىلەر تا 1978-يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئالىي ئابدۇللا سالىھنىڭ دەرھال ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئابدۇللا سالىھ بولسا ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرىغا قىلغان نۇتقىدا ئىشەنچلىك كىشى تاپمىغۇچە، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن نامايىشلاردا ساقچىلار 50 تىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ب ب س نىڭ يەمەندىكى مۇخبىرى ھازىر ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ سانا كوچىلىرىدا ئۆزىگە قارارگاھ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، كوچىلاردا نۇرغۇنلىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىلىكلىرىمۇ ئەلچىخانىلىرىنى تاقاپ، بۇ دۆلەتتىن ئايرىلىشقا باشلىغان. ئابدۇللا سالىھ يەمەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
سۈرىيىدە بولسا، بۈگۈن بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش سۈرىيىدىكى بىر قانچە چوڭ شەھەردە بىراقلا يۈز بەرگەن. گەرچە سۈرىيە رەئىسى بەشەر ئاساد سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە بىر ھەپتە جەريانىدا قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقنى نامايىشنى توختىتىشقا ۋە ئۇلارنى ئىشەندۈرۈشكە يەتمىگەن. جۈمە نامىزىدىن كېيىن شام، دەرا، خاما قاتارلىق شەھەرلەردە يىغىلغان نامايىشچىلار ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. بىر ھەپتىدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلاردا ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىشلاردىمۇ ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى، ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزى لوندوندىكى سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋېلىد سافۇر سۈرىيە خەلقىنىڭ يىللاردىن بېرى بۇ دىكتاتور تۈزۈمدە ياشاشتىن تويغانلىقىنى، سۈرىيىنىڭ چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.