ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە دوكلات بەردى

د ئۇ ق سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 42-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.26
Erkin-Alptekin-305.jpg مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 16‏-يىلى مۇناسىۋىتى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلدى. 2011-يىلى 18-دېكابىر.
RFA/Arslan

دوكلات بېرىش يىغىنىغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتى تېخنىكا ئىشلىرى باشقارمىسى مەسئۇلى كەمال قايا ئەپەندى، بەزى سىياسەتچىلەر، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئوقۇتقۇچىلار، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە 1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىدە 2-3 ئائىلە ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بارغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىلا 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بۇ دەۋانىڭ تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرلىك ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامى ئاستىدا بىرلىشىپ پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 1949-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىنى ئاڭلاتتى. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى دوكلات ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق. تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-ئەركىن ئەپەندىنىڭ بۈگۈن قىلغان دوكلاتىنىڭ بۇرۇنقى دوكلاتىغا ئوخشىمايدىغان مۇھىم تەرىپى شۇ ئىدى، ئۇ بۇرۇنقى دوكلاتلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەتتى. ئەمما بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بار بىر دەۋا بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيىلىك يوللار بىلەن قانداق دەۋا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتە قۇرۇلىدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق بىر جۇمھۇرىيەت بولىدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارانىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى ئاڭلاتتى. مەن بۈگۈنكى دوكلاتتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى توغرىسىدا كۆپ نەرسە ئۆگەندىم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.