ئەركىن ئەكرەم: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى

ئامېرىكا ئاۋازى، نيۇ-يورك ۋاقتى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئايدا ۋېكىلىكس تور بېتىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىقتىسادىي سېلىنمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

خەۋەردە خىتاينىڭ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە پەقەت قىرغىزىستانغىلا ئىقتىسادىي ياردەم نامىدا 3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانلىقى ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ پىلانىدىن بىئارام بولغانلىقى ھەققىدىكى تېلېگراف خەۋەرلىرى ئاشكارىلانغان.

خەلقئارا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرلىكتە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ئىستراتېگىيىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

خەلقئارا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ئۈچۈن بولغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىقتىسادىي سېلىنمىنى ئاشۇرۇشى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىدا ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي بازىسىغا ئايلاندۇرۇش شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەركىزى ئاسىيانىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارلامېنت تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەم خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى مەقسەت، خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى چېگراسى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەم خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاۋاتقان، ئەمما، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بۇ زېمىن تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىنچسىزلىقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن نىسبەتەن ئاجىز بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەتتا سىياسىي جەھەتتىنمۇ خىتايغا بېقىنىپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.