ئەركىن ئەكرەم: ئۆز تارىخىنى يازالمىغان مىللەت بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدىمۇ سۆزلىيەلمەيدۇ

تارىخ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ تارىخشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ھەمدە كۆلەملىشىشى ئىلمىي، ھۆججەتلىك ۋە سىستېمىلىق بولغان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى جىددىي تەقەززا قىلماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

بۇ تېما ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تارىخ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ «تارىخ بىر مىللەت ئۈچۈن نېمىشقا شۇنچە زۆرۈر؟» دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئەگەردە بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى تارىخ ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرالمىسا بۇ مىللەت ئۆزىنىڭ بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدىمۇ ئېغىز ئاچالمايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق مىللەت ئۆز تەرەققىياتىنى ئۆتمۈشىدىن تەجرىبە-ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىش ئارقىلىق مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ.»

ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر مەنبەلەرنىڭ خىتايدىن باشقا رۇسىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە تارقاق ھەمدە چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېخىچە رەتلىنىپ بىر سىستېمىغا چۈشمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللارنى تولۇق كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 19-ئەسىردىكى تارىخى ئۈزۈك ۋە سىستېمىسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ، «ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا نېمە ئۈچۈن خىتاي تارىخشۇناسلىقى بىلەن خىتاي تارىخ ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم دەيمىز؟» دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«خىتاي تارىخىدا قۇرۇلغان بارلىق سۇلالىلەر ئۆزلىرىنى زېمىننىڭ مەركىزى نۇقتىسى دەپ ھېسابلايدۇ ھەمدە تەڭرى ئاتا قىلغان قۇت كۈچى ئەتراپتىكى ئۇششاق سۇلالە ۋە مىللەتلەرنى خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە باغلىغان دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسى كۇڭزى تەلىماتى بىلەنمۇ بىردەكلىكنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرى مەيلى بېسىۋالغان زېمىنلار بولسۇن ياكى بېسىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەن جايلار بولسۇن، ھەممىسىنى خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، قايسى پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدار خىتاي تۇپراقلىرىنى كېڭەيتكەن بولسا، ئۇ تارىختىكى نامدار پادىشاھ دەپ قارالغان. قايسى پادىشاھ خىتاي تۇپراقلىرىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويغان بولسا، ئۇ قابىلىيەتسىز ھۆكۈمدار دەپ تونۇلغان. خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ مانا مۇشۇ ئەنئەنە ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى 1758-1759-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى، ئامما بۇ تۇپراقتا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى تەلتۆكۈس ئورنىتالمىدى. 1864-يىلىدىن 1877-يىلىغا قەدەر ياقۇپبەگ شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت بەرپا قىلغاندا، خىتايلار يەنىلا ئۆزىنىڭ تارىخ ئەنئەنىسىدىكى يەر يۈزى سىستېمىسى بويىچە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغان، بەلكى قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى يەنىلا ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ھېسابلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن خىتاي تارىخ ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشىنىشى كېرەك.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا تەيۋەندە ساقلىنىۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1990-يىللاردا تەيۋەن دېموكراتىيىلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئارخىپلارنى دۇنياغا ئېچىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا دائىر بىر قىسىم مۇھىم ماتېرىياللارمۇ ئاستا-ئاستا ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن تەيۋەندە تۇرغان مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.