"رۇسىيە، ياپونىيە، خىتاي ۋە ئاراللار "ناملىق ماقالە ھەققىدە

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىزدىكى چېگرا مەسىلىسىدە تارىختىن بۇيان تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە چىقىدىغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە يېقىندا "رۇسىيە، ياپونىيە، خىتاي ۋە ئاراللار " دېگەن تېمىدا، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق چېگرا ئىختىلاپلىرى ۋە بۇ ئىختىلاپلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىرلىغان.

"رۇسىيە، ياپونىيە، خىتاي ۋە ئاراللار " دېگەن تېمىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى، مۇتەخەسسىس ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماقالىسىدە شەرقىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىزدىكى چېگرا مەسىلىسىدە تارىختىن بۇيان تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەسلىدە 19-ئەسىرگىچە بۇ مەسىلىنىڭ چوڭ بىر مەسىلە بولمىغانلىقىنى، ئۇ دەۋردە يالغۇز چار رۇسىيە بىلەن مانجۇ دۆلىتىنىڭ چېگرا مەسىلىسى مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

19-يۈز يىلىنىڭ 60-يىللىرىدىن ئېتىبارەن، ياپونىيىنىڭ مەجىي ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ يۈكسىلىشىگە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۆز تۇپرىقىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاپتور ماقالىسىدە، خۇددى ياۋروپالىقلار باشقا قىتئەلەردە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە تۇپراقلىرىنى كۆپەيتكەندەك، ياپونىيىمۇ تۇپرىقىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان.

ماقالىسىدە تەكىتلەنگەن بۇ مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ياپونىيە پادىشاھىنىڭ ياپونىيىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى، بۇلاردىن باشقا خىتاي ۋە رۇسىيىلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ماقالىدە، ياپونىيىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ خىتاي، جەنۇبىي شەرقى ئاسىيادىكى ھەم رۇسىيىدىكى بەزى تۇپراقلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ئىشغال قىلغان تۇپراقلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئارال ۋە چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە، بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئىنتايىن قېيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى بىلەن، خەلق بۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە ۋە كورىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەردە بۇ مەسىلە تېخىمۇ تەسكە توختاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش مىللەتچىلىك كۈچلۈك، تارىخى ئۇزۇن بولغان، مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەر ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغان زېمىن ۋە ئاراللارنى تارتقۇزۇپ قويۇشنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا ياپونىيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي، رۇسىيە ھەتتا ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تارىخى ۋە ھازىرقى تۇپراق ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى، شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى خۇلاسىلىگەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھامان ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.